خىتاينىڭ بىر قىسىم ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىن «شىنجاڭغا ياردەم بەرگۈچى كادىرلار ۋە ئىختىساسلىقلار» دېگەن نام ئاستىدىكى كادىرلار قۇمۇل، ئاقسۇ قاتارلىق ۋىلايەتلەرگە ئارقىمۇ-ئارقىدىن كېلىشكە باشلىغان.
«ئاقسۇ گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 23-فېۋرال كۈنى جېجياڭ ئۆلكىسىدىن 401 ئادەم مەخسۇس ئاقسۇغا «ياردەم بېرىش» ئۈچۈن يېتىپ كەلگەن بولۇپ، ئاقسۇ ۋالىيسى، ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى قاتارلىق ۋىلايەتنىڭ بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك باشلىقلىرى ئايرودرومغا چىقىپ، ئۇلارنى كۈتۈۋالغان.
مەلۇم بولۇشىچە،جېجياڭ ئۆلكىسىدىن ئاقسۇ ۋىلايىتىگە كەلگەن بۇ خادىملار 9-تۈركۈمدىكىلەر بولۇپ، ئۇلار ئاساسلىقى ھەر قايسى ناھىيىلەردىكى تىببى، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردە ئىشلەيدىكەن.
دائىرىلەر جېجياڭدىن كەلگەن بۇ كادىرلارنىڭ «ئىختىساسلىق ۋە ئىلغار كادىرلار»ئىكەنلىكى،ئۇلارنىڭ ۋىلايەتنىڭ خىزمەت سەۋىيىسى ۋە كادىرلارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشتە ئۈنۈملۈك رول ئوينايدىغانلىقىنى مەدھىيىلىمەكتە.
جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 22-فېۋرال كۈنى مەخسۇس ئاقسۇغا بارىدىغان 9-تۈركۈمدىكى ياردەمچى كادىرلارنى ئۇزۇتۇش يىغىنى ئېچىلغان بولۇپ، بۇ كادىرلاردىن ئاقسۇدا ياخشى تەسىرات قالدۇرۇش ھەمدە مۇقىملىق خىزمەتلىرىگە ھەسسە قوشۇش قاتارلىقلارمۇ تەلەپ قىلىنغان.
مەلۇم بولۇشچە، ئاقسۇدا ئىلگىرىدىنلا شاڭخەي شەھىرى، جېجياڭ ۋە باشقا شەرقىي ئۆلكىلەردىن كەلگەن كۆچمەنلەر نىسبىتى يۇقىرى بولۇپ، ئەسلىدە ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ئاقسۇ شەھىرىنىڭ نوپۇسى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن كېيىن تېز ئۆزگىرىپ، شەھەر ئىچى نوپۇسىدا خىتاي مىللىتىدىكىلەرنىڭ نوپۇسى كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىش ۋەزىيىتى شەكىللەندۈرۈلگەن.
شۇنىڭغا ئوخشاش، قۇمۇل ۋىلايىتىگىمۇ 21-فېۋرال كۈنى 223 كىشىلىك 9-تۈركۈمدىكى بىر ياردەم ئۆمىكى خېنەن ئۆلكىسىدىن يېتىپ كەلگەن بولۇپ، بۇلار ئۈچۈن مەخسۇس كۈتىۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۆزىنىڭ باياناتلىرىدا ئىچكىرى خىتايدىن كېلىۋاتقان بۇ ئاتالمىش ئىختىساس ئىگىلىرى ۋە كادىرلارنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنى بىلمەيدىغانلىقى،ئۇلارنىڭ يەرلىك ئۇيغۇرلار بىلەن ئورتاقلىقى يوقلۇقى، خىتاي ئۆزى ئېتىراپ قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى جارى قىلدۇرۇشى، يەرلىك ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ ھۆكۈمەت، مائارىپ،سانائەت، پۇل-مۇئامىلە ۋە خىزمەت ئورگانلىرىدىمۇ كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىشى ھەم ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنى ئىشلىتىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلمەكتە.