ياپونىيە مىنىستىرلىرى ياسۇكۇنى قەبرىگاھىنى زىيارەت قىلىپ خىتاينى يەنە بىئارام قىلدى

ياپونىيە دۆلەت كابىنتىنىڭ ئۈچ مىنىستىرى پەيشەنبە كۈنى ياسۇكۇنى قەبرىگاھىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن خىتاي بۇنىڭغا دەرھال نارازىلىق بىلدۈردى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇڭ لېي بۇ زىيارەتنى «تارىخقا تۇتۇلغان خاتا پوزىتسىيە» دەپ ئاتىغان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قەبرىگاھنى زىيارەت قىلغان مىنىستىرلاردىن بىرى بولغان ئاپەتكە قارشى تۇرۇش ۋە كونترول قىلىش مىنىستىرى خارىكو ئارىمۇرا مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە «مەن پەقەت ئۆز ۋەتىنى ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ، جېنىنى پىدا قىلغانلارغا ھۆرمىتىمنى ۋە مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈردۈم» دېگەن.

بۇ ئۈچ مىنىستىرنىڭ ياسۇكۇنىغا قىلغان زىيارىتى چارشەنبە كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې ھىندونېزىيەدە ئۇچراشقاندىن بىر كۈن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان ئىدى. خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئىككى دۆلەت رەھبىرىنىڭ ئۇچرىشىشى جەريانىدا شى جىنپىڭنىڭ ياپونىيەنى تارىخىغا توغرا مۇئامىلە قىلىشقا چاقىرغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. ئەمما شىنزو ئابې ھىندونېزىيەدىكى سۆزىدە بۇ مەسىلىدىكى پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتىدىغانلىقىغا ئائىت ھېچنېمە دېمىگەن.

شىنزو ئابېنىڭ يەكشەنبە كۈنى ئامېرىكىغا قىلىدىغان رەسمىي زىيارىتى دەل ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ 70 يىللىق خاتىرە مەزگىلىگە توغرا كېلىدىغان بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭ ئامېرىكا-ياپونىيە مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش يولىدىكى مۇھىم بىر زىيارەت بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتە.