«ياۋا كەپتەر» يەنە بىر قېتىم ئۇيغۇرلارنىڭ بەدىئىي تەسۋىرىنى ئەسلەتتى

ئۇيغۇر يازغۇچى نۇرمۇھەممەت ياسىن «ياۋا كەپتەر» ناملىق ھېكايىسى سەۋەبلىك 2004-يىلى ئون يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.

شۇنىڭدىن كېيىن يازغۇچى ۋە ئۇ دۇچ كەلگەن پاجىئە خەلقئاراغا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ قانداق قىسمەتلەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى سىمۋوللۇق ئىپادىلەپ بېرىشتە تىپىك مىساللاردىن بولۇپ كەلمەكتە. «سان فرانسىسكو ھەپتىلىكى» ژۇرنىلىنىڭ 28-ئىيۇندىكى سانىغا بېسىلغان فوتوگراف كارولىن جرېيكنىڭ «ياۋا كەپتەر» تېمىلىق فوتو كۆرگەزمىسى ھەققىدىكى ماقالىنى ئەنە شۇلارنىڭ بىرى، دېيىشكە بولىدۇ.

مەزكۇر ماقالە كارولىن خانىمنىڭ سان فرانسىسكو شەھىرىدە ئېچىلغان فوتو كۆرگەزمىسى ھەققىدە يېزىلغان. ئۇنىڭدا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردە توختىماستىن ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە تىلغا ئېلىنىشىنىڭ ئۇ جايدىكى قانلىق ۋەقەلەر بىلەن زىچ باغلىنىشلىق ئىكەنلىكى، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كۆپلەپ كۆزگە چېلىقىدىغان قوراللىق ساقچىلارنىڭ توختىماستىن كوچا چارلىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە كۆپلەپ سولىنىشىنىڭ بۇنىڭدىكى دائىملىق مەزمۇنلار ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ.

ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، كارولىن خانىم «ياۋا كەپتەر» تېمىسىدىكى فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسىدە تاشقى دۇنيادىكى ئىنسانلار ئۈچۈن پۈتۈنلەي ناتونۇش بولغان ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھاياتنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئوبرازىنى سەنئەت بىلەن بىرلەشتۈرۈپ يارقىن شەكىلدە ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. شۇنىڭدەك مەزكۇر كۆرگەزمىنىڭ نامىنى «ياۋا كەپتەر» دەپ ئاتاشنىڭ نۇرمۇھەممەت ياسىن بىلەن قانداق باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى، يازغۇچىنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە بەزى مىش-مىش پاراڭلار بولسىمۇ بۇ ھەقتە رەسمىي دەلىللەنگەن بىرەر مەلۇماتنىڭ يوقلۇقىنى بايان قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە «ياۋا كەپتەر» ھېكايىسىنىڭ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان رېئاللىق بىلەن قانداق چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكەنلىكىمۇ تەپسىلىي بايان قىلىنغان.

ماقالىدا بايان قىلىنىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇر بولۇش، دىنىي ئېتىقادى بولۇش، چەتئەل مۇخبىرلىرىغا سۆز قىلىش دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى خەتەردىن دېرەك بېرىدىكەن. كارولىن خانىمنىڭ رەسىم كۆرگەزمىسىدە بولسا ئايرىم شەخسلەرنىڭ سەنئەتلىك تەسۋىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى تولىمۇ جانلىق بايان قىلىپ بېرىلگەن ئىكەن.