د ئۇ ق ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كارخانىلارنى نازارەت قىلىش توغرىسىدىكى يېڭى لايىھەسىنى تەنقىدلىدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ياۋروپا كومىسسىيەسىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلغان ياۋروپا كارخانىلىرىنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ۋە مۇھىت ‍ئۆلچەملىرىگە ئەمەل قىلىشىنى نازارەت قىلىش توغرىسىدىكى يېڭى لايىھەسىنى تەنقىد قىلغان. د ئۇ ق نىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار بۇ لايىھەنى «بۆسۈش خاراكتېرلىك پۇرسەت» دەپ قاراپ قارشى ئالسىمۇ، بىراق ئۇنىڭدا «ياۋروپا كارخانىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ياكى خاتىمە بېرىشكە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان چۆچۈتەرلىك كەمتۈكلۈكلەر بار» ئىكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى يېقىندا ياۋروپا كومىسسىيەسىنىڭ مەزكۇر لايىھەسىگە قارىتا بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭغا ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. باياناتتا د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا: «ئۇزۇندىن بۇيا، ياۋروپا شىركەتلىرى ئاچكۆزلۈك بىلەن خىتاي دائىرىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن پايدا ئېلىشىغا يول قويۇلۇپ كەلدى. ياۋروپا كومىسسىيەسىنىڭ لايىھەسى ياۋروپا كارخانىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ياخشى پۇرسەت بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارغا ھەقىقىي ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىشى ئۈچۈن مۇھىم ئۆزگەرتىشلەرنى ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ» دېگەن.

باياناتتا يەنە: «ھەر خىل كۆلەمدىكى بارلىق شىركەتلەرنىڭ تەمىنات زەنجىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغانلىقى، ئۇلارنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك، قۇياش ئېنېرگىيەسى تاختىسى، يېمەكلىك، تېخنىكا، چاچ ۋە گۈزەللىك ھەم باشقا ساھەلەردە ئىشلىتىلىۋاتقانلىقى» تەكىتلەنگەن. باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، ياۋروپا كومىسسىيەسىنىڭ لايىھەسى 500 دىن ئارتۇق خىزمەتچىسى، 150 مىليون ياۋرو تىجارەت سوممىسى بولغان ياكى 40 مىليون ياۋرو تىجارەت سوممىسىغا ئىگە، 250 خىزمەتچىسى بولغان «خەۋپلىك دەرىجىسى يۇقىرى» ساھەلەردىكى ياۋروپا شىركەتلىرىگە قارىتىلغان بولۇپ، كىچىك ۋە ئوتتۇرا تىپلىق كارخانىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 99 % ياۋروپا شىركىتى بۇنىڭغا داخىل ئەمەس ئىكەن.