«ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى» نىڭ 4-دېكابىر كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى بەزى دۆلەتلەر خىتايدىن كېلىدىغان ساياھەتچىلەرگە چەكلىمە قويغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قارشى تۇرۇپ، «ئەگەر ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە بۇ ئىش چوڭىيىپ كەتسە، بىزمۇ ئۇنىڭغا قارشى تەدبىر قوللىنىمىز» دەپ ئاگاھلاندۇرغان. ياۋروپا ئىتتىپاقى باياناتچىسى تىم مەكفى (Tim McPhie) 4-يانۋار كۈنى بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ: «مۇتلەق كۆپ قىسىم دۆلەتلەر خىتاي يولۇچىلىرىنىڭ ئايروپىلانغا چىقىشتىن ئاۋۋال كوۋىد تەكشۈرۈشى قىلىشىنى قوللايدۇ» دېگەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدىن يامرىغان كوۋىد ۋىرۇسىنىڭ يېڭى ۋارىيانتى ھازىر ئاللىقاچان ياۋروپادا تارقىلىۋاتقان بولۇپ، ياۋروپادىكى يۇقۇملۇق كېسەللىك مۇتەخەسسىسلىرىمۇ خىتاي ساياھەتچلىرىنى ياۋروپاغا كېلىشتىن چەكلەش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. ھالبۇكى، دۇنيادىكى 300 نەچچە ئاۋىئاتسىيە شىركىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان خەلقئارا ئاۋىئاتسىيە ترانسپورت جەمئىيىتى (IATA) بۇ چەكلىمىنىڭ ئاقمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ كوۋىدنى سىياسىيلاشتۇرماسلىق چاقىرىقى ئېلىپ بارغان.
شۇنداقتىمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆزىگە ئەزا بارلىق دۆلەتلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ياۋروپاغا، شۇنداقلا ئافرىقا دۆلەتلىرى ئارقىلىق ياۋروپاغا يېڭى ۋىرۇس يۇقتۇرۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا كىرىشكەن. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتتىكى رەئىس دۆلىتى شۋېتسىيەمۇ بايانات بېرىپ: «خىتايدىن ياۋروپاغا كېلىدىغانلار قىسقا ۋاقىتتا ئۆزىنى دەڭسەپ ئاندىن سەپەر قىلسۇن» دېگەن. 2020-يىلدا پۈتۈن دۇنيادا يامرىغان ۋىرۇس ئالدىدا نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي قالغان ياۋروپا بۇ قېتىم كېچىكىپ بولسىمۇ، خىتايدىن كېلىدىغان يېڭى كوۋىد ۋىرۇسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قارارىغا كەلگەن.