ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى زور تەسىرگە ئىگە بىر قىسىم شەخسلەر ياۋروپا ئىتتىپاقى پارلامېنتىغا چاقىرىق قىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى زۇلۇم ۋە باستۇرۇشلارنى «قىرغىنچىلىق» دەپ رەسمىي قارار ئېلىشنى تەلەپ قىلغان.
«جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 7-ئىيۇندىكى ئوبزور ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى تۆت چوڭ پارتىيە مەزكۇر چاقىرىقنى ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ ھەپتە ياۋروپا پارلامېنتىدا چاقىرىلىدىغان بۇ ھەقتىكى مۇنازىرىگە قاتنىشىدىكەن. شۇ سەۋەبتىن بۇ قېتىمقى مۇنازىرە يىغىنىدا قىرغىنچىلىق ھەققىدە قارار ئېلىشنىڭ ئېھتىماللىقى چوڭ، دەپ قارىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۈچۈن بىر چوڭ ئىلگىرىلەش ھېسابلىنىدىكەن. چۈنكى ئۇلار ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇشلار ۋە زۇلۇملار ھەققىدە كۆپلىگەن قارارلارنى ئالغان بولسىمۇ، ئەمما «قىرغىنچىلىق» دېگەن سۆزنى ئىشلەتمىگەنىكەن.
ئوبزوردا ئېيتىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى ئۇرسۇلا لېيېن (Ursula von der Leyen) ۋە گېرمانىيەنىڭ سابىق رەھبىرى ئانجېلا مەركېل (Angela Merkel) ئىزچىل خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق قىلمىشى ھەققىدە قارار ئېلىشى ئەمەلگە ئاشماي كەلگەنىكەن. گېرمانىيەنىڭ يېڭى رەھبىرى ئولاف شۇلىز (Olaf Scholz) بولسا خىتاي بىلەن بولغان ئالاقىنى توختىتىش ھەققىدىكى پىكرى بىلەن داڭ چىقارغان شەخس ئىكەن. يەنە كېلىپ ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار ۋە تۇتقۇنغا مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرنىڭ يېقىندىن بۇيان كۆپلەپ ئاشكارا بولۇشىمۇ بۇنىڭغا تۈرتكە بولغان بىر مۇھىم سەۋەب ئىكەن. ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزالىرىدىن دەيۋىد لېگا (David Lega) بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ تىۋېتتېر بېتىدە ئۇچۇر يوللاپ «بىز شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىش ھەققىدە پارلامېنتقا بېسىم قىلىۋاتىمىز. ‹شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى› بۇ رېئاللىقنى يەنە بىر قېتىم تەستىقلىدى. مەن بۇنى ئەتىكى قارار ئېلىش يىغىنىدا زور كۈچ بىلەن تەكىتلەيمەن» دېگەن.