ئۇيغۇر دىيارىدىكى تۈرلۈك سىياسىي باستۇرۇش ۋە مىللىي پاجىئەلەر دۇنياغا كۆپلەپ ئاشكارا بولغاندىن كېيىن فرانسىيەدىمۇ بۇنىڭغا قارشى بىرەر ئەمىلى قەدەمنى ئېلىش چۇقانلىرى ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. يېقىندا فىرانسىيە جامائىتى فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ئاشكارا ئىپادە بىلدۈرۈشكە چاقىرىپ تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى تەشكىللىدى.
بۇ خىلدىكى جامائەت پىكرى سەۋەبىدىن يېقىندا فىرانسىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى، ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇر ۋە تىبەت مەسىلىسىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ئاندرې گاتتولىن فىرانسىيە ئاخباراتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىدا «ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ماگنىتىسكىي قانۇنى» نى ماقۇللايدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. «خىتاي ۋاقتى» تورىنىڭ 21-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بۇ ھال ئالاھىدە تەكىتلەندى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 20-ئىيۇل كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقى پارلامېنتىنىڭ فىرانسىيەلىك ئەزاسى رافېل گلۇكسمان ئۆزىنىڭ تىۋېتتېر بېتىدە فىرانسىيە پرېزىدېنتى ئېممانيۇل ماكرونغا ئۇچۇر يوللاپ «(ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە) داۋاملىق سۈكۈت قىلىدىغان ئىشىڭىز بولسا بۇندىن كېيىن ئۇنىۋېرسال قىممەت، جۇمھۇرىيەت ئەركىنلىكى دېگەن تېمىلاردىن سۆز ئېچىشىڭىزنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ» دېگەن.
مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە پارلامېنت ئەزاسى ئاندرې گاتتولىن ئۇيغۇرلارنىڭ نەچچە ئون يىلدىن بۇيان باستۇرۇلۇپ كەلگەنلىكىنى، ئەمدىلىكتە بولسا لاگېرلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى مەجبۇرىي يوسۇندا چەكلەش تەدبىرلىرىنى ئېلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.