خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىجرا قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىق قىلمىشلىرى كۆپلەپ مەلۇم بولغاندىن كېيىن ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ تېزدىن بۇنىڭغا قارشى تەدبىر ئېلىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى مەلۇم.
«جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 10-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 27 دۆلەت نۆۋەتتە خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىۋاتقان ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلىدىغان مەھسۇلاتلارنى مەنئى قىلىش ھەققىدە بىر قانۇن لايىھەسى تۈزۈپ چىققان. مەزكۇر قانۇن لايىھەسى تېخى رەسمىي مۇزاكىرىگە قويۇلمىغان بولسىمۇ ئۇنىڭدىكى مەركىزىي تېما ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشى ھەمدە بۇنىڭغا چېتىشلىق مەسىلىلەر بولغان. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى ئۇرسۇلا خانىم بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «بۇ خىل چەكلىمە ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ھەرقانداق بىر ھالقىسىدا مەجبۇرىي ئەمگەك قوللىنىلغان، جۈملىدىن ئىشلەپچىقىرىش، ئوراش-قاچىلاش، يۆتكەش قاتارلىقلارنىڭ بىرەر ھالقىسى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلغان بارلىق مەھسۇلاتلارغا تەتبىقلىنىدۇ» دېگەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ناۋادا بۇ قانۇن لايىھەسى رەسمىي ماقۇللانسا ئۇ ھالدا ياۋروپادىكى 27 دۆلەتنىڭ خىتايدىن ئىمپورت قىلغان ماللىرىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىكەن. بولۇپمۇ ئۇيغۇر دىيارى بىلەن بىۋاسىتە باغلىنىشلىق بولغان پاختا مەھسۇلاتلىرى، قۇياش ئېنېرگىيە تاختىسى ۋە باشقا ساھەلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ياۋروپاغا ئېكسپورت قىلىش چەكلىنىدىكەن. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي بۆلۈمىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋاڭ ياچيۇ بۇ يۈزلىنىشنى ئالقىشلاپ: «ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ئەگىشىپ مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى مەنئى قىلىدىغان قانۇن تۈزۈشكە ئاتلانغانلىقى قالتىس زور ئىلگىرىلەش. ھەممىلا ھۆكۈمەتلەر مۇشۇ خىل قارار ئالسا مەجبۇرىي ئەمگەككە چىلانغان شىنجاڭ مەھسۇلاتلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتى ھېچنەدە ساتالمايدۇ» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ماقۇللىغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» قانۇنغا ئايلانغاندىن كېيىن خىتاينىڭ ئامېرىكا بازىرىنى كۆزلىگەن ئېكسپورت پائالىيەتلىرى زور تەسىرگە ئۇچرىغانىدى.