ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنى خىتاي رەت قىلدى
2024.06.18
خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى ئەيىبلەپ كېلىۋاتقان ياۋروپا ئىتتىپاقى، 17-ئىيۇن كۈنى خىتايدا ئۆتكۈزۈلگەن «ياۋروپا-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىيالوگى» دا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان. ئەمما خىتاي ئۇلارنى «قوش ئۆلچەم قوللاندى، ئىچكى ئىشىمىزغا ئارىلاشتى» دەپ ئەيىبلەپ، ئۆزىنىڭ جىنايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان.
«رويتېرس ئاگېنتلىقى» 18-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەكىللەر ئۆمىكى ئالدىنقى ھەپتە تىبەتنى زىيارەت قىلىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، 17-ئىيۇن (دۈشەنبە) كۈنى خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشكەن. سۆھبەتتە ئۇيغۇر رايونى، تىبەت ۋە خوڭكوڭدىكى ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى، جۈملىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى، ئادۋوكاتلار ۋە مۇخبىرلارنىڭ تەقدىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ياۋروپا ئىتتىپاقى ئېلان قىلغان باياناتتا، «ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينى ئىنسانلارنى خورلاش قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈشكە، قانۇنسىز قاماش، ئىز-دېرەكسىز يوق قىلىۋېتىش ۋە ئېغىر قىيىن-قىستاققا ئېلىش ۋەقەلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىدۇ» دېيىلگەن. باياناتتا يەنە، تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى، دوختۇر گۈلشەن ئابباس، تەتقىقاتچى راھىلە داۋۇت قاتارلىقلار تىلغا ئېلىنغان.
خىتاي ئەمەلدارلىرى بولسا، «ياۋروپا ئىتتىپاقى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى باھانە قىلىپ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى توختىتىشى كېرەك» دېگەن. خىتاي يەنە ئۆزىنىڭ جىنايەتلىرىنى ئىنكار قىلىش بىلەن بىرگە، «كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرماسلىق، قوش ئۆلچەم قوللانماسلىق، ئۆز ئەندىزىسىنى باشقىلارغا تاڭماسلىق» ئىدىيەسىنى بازارغا سالغان. ھالبۇكى يېقىنقى مەزگىللەردە ئوخشىمىغان ئۇچۇر يوللىرىدىن مەلۇم بولۇۋاتقان تۈرلۈك رېئاللىق، جۈملىدىن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاپرېلدا ئېلان قىلىنغان يىللىق دوكلاتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق ۋە مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى دەپسەندىچىلىكنىڭ ھازىر تېخىمۇ كەڭ كۆلەم ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.