ياۋروپا پارلامېنتى 555 نەپەر پارلامېنت ئەزاسىنىڭ قوللىشى بىلەن مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەشنى قارار قىلغان.
فىرانسىيە 24 قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 23-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقى پارلامېنت ئەزالىرى سەيشەنبە كۈنى بېلەت تاشلاپ مەجبۇرىي ئەمگەكتىن پايدىلىنىپ ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى چەكلەشنى قارار قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ قارارنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە جىددىيلىك كەلتۈرۈپ چىقىرىش خەۋپىنىڭ بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
گەرچە بۇ قارار خىتاينى بىۋاسىتە تىلغا ئالمىسىمۇ، ئەمما نۇرغۇن پارلامېنت ئەزالىرى بۇنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنى خىتايدىن ئىمپورت قىلىشنى چەكلەشتە مۇھىم رولى بولىدىغانلىقنى تىلغا ئالغان.
ياۋروپا پارلامېنتىدىكى 555 پارلامېنت ئەزاسىنىڭ قوللىشى بىلەن ماقۇللانغان بۇ قانۇن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 27 دۆلەتنىڭ تەستىقىدىن كېيىن رەسمىي كۈچكە ئىگە بولىدىكەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ قانۇن كۈچكە ئىگە بولسا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھوشيارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشلەتكەن شىركەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەشتىكى مەسئۇلىيەتلىرىنى تونۇشىغا تۈرتكە بولىدىكەن.
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش قانۇنىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، شۇنداقلا بۇ قانۇن ئامېرىكىنىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» دەك كۈچلۈك قاراتمىلىققا ئىگە دەپ قارالمىسىمۇ، بىراق بۇ قانۇننىڭ يەنىلا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەشتە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.