ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ ئۆزگىرىشىنى دەڭسىمەكتىكەن
2023.03.23
خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرىتارى شى جىنپىڭ يېقىندا رۇسىيەدە زىيارەتتە بولغاندا، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى تەكىتلىشى، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە ياۋروپا ئىتتىپاقىدا خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى تەڭشەش ھەققىدىكى كۆز قاراشلار كۈچەيمەكتىكەن.
«گېرمانىيە ئاۋازى» رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لىتۋا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى گابرىئېلىئۇس لاندسبېرگىس ئۇلارغا قىلغان سۆزىدە «ئەگەر شى جىنپىڭ بىر ئۇرۇش جىنايەتچىسى بىلەن دوستلىشىشنى تاللىسا، ئۇ ھالدا بۇ مەسىلىگە ئەستايىل مۇئامىلە قىلىش بىزنىڭ مەجبۇرىيىتىمىز» دېگەن.
ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «ھازىر ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەشنىڭ بىردىنبىر يولى خىتاي تەھدىتىدىن ساقلىنىش ۋە ئاقىۋەتتە خىتايدىن ئايرىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتۇر. بىز بۇنى قانچە بالدۇر باشلىساق، شۇنچە ياخشى.»
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىدا خىتايدىن تامامەن ئايرىلىشنى ياۋروپانىڭ ئىقتىسادى ئۈچۈن ياخشى ئەمەس دەپ قارايدىغان سىياسەتچىلەرمۇ ئاز ئەمەسكەن، ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتايدىن گۇمانلىنىدىغان سىياسەتچىلەرمۇ كۆپەيگەن.
ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ خىتاي مەسىلىلىرى بويىچە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ رەئىسى رېينخارد بۇتىكوفېر بۇ ھەقتىكى سۆزىدە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ھازىر خىتايغا نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ئىشەنمەيدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتىپ: «مەن خىتاي ئۆزىگە يىغقان نۇرغۇن سىياسىي كاپىتالنى ئىسراپ قىلدى، دەپ قارايمەن» دېگەن.
بۇنىڭ ئىپادىسى يېقىندا بېريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن قۇياش ئېنىرگىيە لوبىسىنىڭ يىغىنىدىمۇ كۆرۈلگەن. «مالىيە ۋاقتى گېزىتى»نىڭ ئېيتىشىچە، يىغىندا ياۋروپا ئىتتىپاقى پارلامېنت ئەزالىرى ياۋروپانىڭ رۇسىيە گازىغا قاراپ قېلىشتىن تېزلىكتە قۇتۇلغانلىقىنى تەبرىكلىگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇلار ياۋروپانىڭ ئېنىرگىيە مەسىلىسىدە رۇسىيەدىن قۇتۇلۇپ، خىتايغا تۇتۇلۇپ قالماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلەشكەن. چۈنكى ياۋروپا سانائىتى بۇلتۇر قۇياش ئېنېرگىيىسى ئورنىتىش رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان بولسىمۇ، بىراق خىتاي ياۋروپانى ئەڭ جىق قۇياش ئېنىرگىيە باتارىيەسى بىلەن تەمىنلەۋاتقان دۆلەت ئىكەن. مانا بۇ مەسىلە پارلامېنت ئەزالىرىنى ئويغا سالغان.
ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى رافائىل گلۇكسمان يىغىندىكى سۆزىدە باتارىيە ئىشلەپچىقىرىشىدا خىتايغا قاراپ قېلىشنىڭ خەۋپىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، «ياۋروپا ئەمدى ئىشلەپچىقىرىشنى قايتۇرۇپ كېلىشى كېرەك، ئىشلەپچىقىرىشتا خىتايغا بېقىنىپ قېلىشنىڭ زىيىنى يۇقۇم مەزگىلدە ئاشكارىلاندى،» دېگەن.