ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ كىيىم-كېچەك ساھەسىدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى قوللانغانلىقىنى ئەيىبلىدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۇيغار تەييارلىدى
2023.12.06

ياۋروپا ئىتتىپاقى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ئەڭ يېڭى تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى تەۋەسىدە سېتىلىۋاتقان كىيىم-كېچەكلەردىن ئاز دېگەندە 39 داڭلىق ماركىنىڭ «خىتاينىڭ دۆلەت بەلگىلىگەن ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەش پىروگراممىسىغا قاتنىشىشقا مەجبۇرلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمگەك كۈچىنى ئىشلىتىش» بەدىلىگە ئىشلەپچىقىرىلغانلىق خەۋپى مەۋجۇت ئىكەن.

2023-يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى فىرانسىيەنىڭ «لې موندې» Le Monde) ) گېزىتىدە بېرىلگەن مەخسۇس دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: «خىتايدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئىشلىتىش داۋاملاشماقتا. بۇنىڭ ئىچىدە ياۋروپادىكى داڭلىق ماركىلارغا كىيىم-كېچەك ئىشلەيدىغان خىتاي شىركەتلىرىمۇ بار. زارا (Zara) ، نېكىست (Next) ، پىرادا (Prada) قاتارلىق كىيىم-كېچەك شىركەتلىرى ئاز دېگەندە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلغان خىتاي شىركەتلىرىدىن تۆتى بىلەن ھەمكارلاشقان. »

ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى بىر قىسىم سوتسىيال دېموكراتىك پارتىيەلەردىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرى، ئەنگلىيە شېفلىد ھاللام ئۇنىۋېرسىتېتى (Sheffield Hallam University) تەتقىقات گۇرۇپپىسى، ئۇيغۇر دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەركىزى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق كۆزەتكۈچىسى قاتارلىق تەتقىقات مەركەزلىرىنىڭ دوكلاتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، مۇنداق دېگەن: «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن چېتىشلىق زور مىقداردىكى كىيىم-كېچەكلەر ھېچقانداق چەكلىمىگە ئۇچرىماي ياۋروپا ئىتتىپاقىغا يۆتكىلىۋاتىدۇ. بۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سىياسىتى، ئىستېمالچىلارنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن بۇلغانغان مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىشتىن توسمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. »

بۇ دوكلات ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پىرېزىدېنتلىرى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن ۋە چارلېز مىشېل بېيجىڭغا بېرىپ، خىتاي پىرېزىدېنتى شى جىنپىڭ بىلەن ياۋروپا-خىتاي باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقاندا ئېلان قىلىنغان. ئۇلارنىڭ ئۇچرىشىشى ئاساسلىقى سودا مەسىلىسىگە مەركەزلەشكەن بولسىمۇ، ئەمما ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەمەلدارى ئۇچرىشىشتىن ئىلگىرى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.