ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايدا ئىشلەنگەن توكلۇق ئاپتوموبىللارغا 38 پىرسەنت تاموژنا بېجى ئېلىشنى قارار قىلغان

«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى»نىڭ 12-ئىيۇندىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايدا ئىشلەنگەن توكلۇق ئاپتوموبىللاردىن %38 تاموژنا بېجى ئېلىشنى قارار قىلغان.

مەزكۇر خەۋەردە، ۋولكىسۋاگېننىڭ شاڭخەيدىكى ئاپتوموبىل شىركىتى ياۋروپا كومىسسىيەنىڭ تەكشۈرۈشىگە قاتناشمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭدىن %38.1 تاموژنا بېجى ئېلىنىدىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ قارارى ياۋروپا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا جېڭىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، گېرمانىيەنىڭ مېرسىدىس-بېنىز (Mercedes-Benz) ۋە BMW قاتارلىق ئاپتوموبىل شىركىتى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ قارارىغا قارشى لوبىچىلىق پائالىيىتىنى باشلىغان.

گېرمانىيە ئاپتوموبىل شىركىتى ۋولكىسۋاگېننىڭ شاڭخەي ئاپتوموبىل شىركىتى بىلەن بىرلىكتە 2019-يىلى ياسىغان تۇرپاندىكى ئاپتوموبىل سىناق مەيدانىنىڭ قۇرۇلۇشىدا، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكى ئاشكارىلانغانىدى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پالاتاسى يېقىندا BMW، جاگۇار لەندىروۋىر (Jaguar Land) ۋولكىسۋاگېن قاتارلىق ئاپتوموبىل شىركەتلىرىنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن چېتىشلىق دەپ جەزملەشتۈرگەنىدى؛ ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى مالىيە كومىتېتى ئېلان قىلغان بۇ دوكلاتتا، يۇقىرىقى ئاپتوموبىل شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن چېتىشلىق بار دەپ قارىلىپ، ئامېرىكا تەرىپىدىن چەكلەنگەن شىركەتلەردىن ماشىنا زاپچاسلىرى ئېلىپ ئىشلەتكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسىدىن بىر قاتار كونكرېت تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، قاتتىق تەكشۈرۈش ئېلىش بېرىش تەلەپ قىلىنغانىدى.