ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرى ياۋروپا ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خىتاي ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى تىك-توكنى چەكلەش ۋاقتى كەلگەنلىكىنى، ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ مەزكۇر خىتاي ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىنى ئىشلىتىشىنى چەكلەشكە چاقىرغان.
«پولىتىكو» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياۋروپا پارلامېنتى ئۆتكەن ھەپتە چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ساختا ئۇچۇر، تور ھۇجۇمى ۋە ھالقىلىق ئۇل ئەسلىھەلىرىگە كاشىلا قىلىش ئارقىلىق ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئىچكىي ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ھەرىكەتلىرىنى توسۇشقا ئائىت بىر تەۋسىيە قارارى ماقۇللىغان. ياۋروپا پارلامېنت ئەزالىرى بۇ تەۋسىيە قارارىدا ياۋروپا ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تىك-توكقا چەكلىمە قويغان بەزى غەرب دۆلەتلىرى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاشنى تەلەپ قىلغان.
خىتاينىڭ دۇنيادىكى ياش-ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا كەڭ ئومۇملاشقان تىك-توك ناملىق ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى، غەرب خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى تەرىپىدىن جاسۇسلۇق قىلىش، كىشىلەرنىڭ شەخسىي سانلىق مەلۇماتلىرىنى توپلاش، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىدىيەسىنى زەھەرلەش بىلەن ئەيىبلىنىپ كېلىنمەكتە ئىدى. «پولىتىكو» گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تىك-توك ياۋروپا پارلامېنت ئەزالىرى تەرىپىدىن چەكلەش تەلەپ قىلىنغان بىردىن-بىر ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى ئەمەس.
ياۋروپا پارلامېنت ئەزالىرى يەنە ياۋروپا كېڭىشى ۋە ياۋروپا كومىسسىيونىدىن خىتاينىڭ خۇاۋېي، ZTE ۋە رۇسىيەنىڭ كاسپېرسكىي، Ntech لابوراتورىيەسى ناملىق شىركەتلىرىنىمۇ چەكلەشنى تەلەپ قىلغان. ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرىنىڭ قارارى ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركۇ رۇبىيو ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىدىن تىك-توكنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى جاۋ شاۋزېنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان بىر ۋاقىتتا ماقۇللانغان.
ماركۇ رۇبىيو، تىك-توكنىڭ داۋاملىق خىتايدا سانلىق مەلۇمات توپلاۋاتقانلىقى، جاۋ شاۋزېنىڭ بۇ يىل 3-ئايدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە گۇۋاھلىق بەرگەندە يالغان سۆزلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىدىن جاۋ شاۋزېنىڭ «يالغانچىلىق جىنايىتى» سادىر قىلغان-قىلمىغانلىقىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. جاۋ شاۋزې ئەينى ۋاقىتتا تىك-توكنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا خىتايدا تۇرۇپ ئېرىشكىلى بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.