خىتاي دائىرىلىرى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پرېزىدېنتى چارلېس مىشېلنىڭ 5-نويابىر جۈمە كۈنى باشلانغان شاڭخەي خەلقئارا يەرمەنكىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئېكران نۇتۇقى سۆزلىشىنى بىكار قىلغان.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارلىشىچە، چارلېس مىشېل يەرمەنكىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قويۇشى ئۈچۈن خىتاي دائىرىلىرىغا دىپلوماتىك قاناللار ئارقىلىق ئالدىنئالا ئەۋەتكەن ئىكران نۇتۇقىدا، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان قانۇنسىز قوراللىق ھۇجۇمىنى تەنقىد قىلغان، شۇنداقلا ياۋروپا ئىتتىپاقىنى سودىدا خىتايغا تايىنىشنى ئازيتىشقا چاقىرغان ئىكەن.
ئۈچ نەپەر ياۋروپا ئىتتىپاقى دىپلوماتى رويتېرس ئاگېنتلىقىغا بەرگەن ئۇچۇرىدا، چارلېس مىشېلنىڭ شاڭخەي يەرمەنكىسىدە نۇتۇق سۆزلەيدىغان بىر قانچە چەت ئەل رەھبىرى ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى ئىكەنلىكى، لېكىن چارلىس مىشېلنىڭ نۇتۇقىنىڭ بىكار قىلىنىشى ئۆزلىرىنى ھەيران قالدۇرغانلىقىنى ئېيتقان. شاڭخەي يەرمەنكىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭ ئېچىلىش نۇتۇقى سۆزلەپ، خىتاينىڭ يەر شارىلىشىشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
چارلېس مىشېلنىڭ باياناتچىسى بارېند لېيتس، خىتاي تەرەپنىڭ چارلېس مىشېلنى يەرمەنكىدە ئېچىلىش نۇتۇقى سۆزلەشكە تەكلىپ قىلغانلىقى، شۇنداقلا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن ئۇنىڭ ئالدىنئالا ئاۋازغا ئېلىنغان ۋىدېيوسىنى ئەۋەتىپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، چارلېز مىشېل سۆزىدە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قارشى قوزغىغان «قانۇنسىز ئۇرۇشى»نى قاتتىق تەنقىدلەپ، ياۋروپانىڭ بۇنىڭدىن «قاتتىق ساۋاق ئالغانلىقى»، ياۋروپانىڭ سودىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، خىتايغا تايىنىشنى ئازايتىشى كېرەكلىكى، بۇنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئېيتقان. چارلېس مىشېل سۆزىدە يەنە خىتاينىڭ ئۆز تەسىر كۈچىنى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان «چەكلىمىسىز شېرىكلىك مۇناسىۋېتى»دىن پايدىلىنىپ، رۇسىيەنى بۇ رەھىمسىز ئۇرۇشىنى توختىتىشقا چاقىرىشىنى تەلەپ قىلغان.