ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ توكلۇق ئاپتوموبىل بازىرىدا ھەقسىز رىقابەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ تەكشۈرۈش باشلىغان

ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ توكلۇق ئاپتوموبىللىرىنىڭ دۆلەتنىڭ تولۇقلىما ياردىمىگە ئېرىشىپ، ھەقسىز رىقابەت قىلىۋاتقانلىقى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش باشلىغان.

ياۋروپا كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن (Ursula von der Leyen) 13-سېنتەبىر ياۋروپا ئىتتىپاقى پارلامېنت ئەزالىرىغا قىلغان يىللىق نۇتقىدا بۇ قارارنى ئېلان قىلغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «يەر شارى بازىرى ھازىر خىتاينىڭ ئەرزان باھالىق توكلۇق ماشىنىلىرى بىلەن توشۇپ كەتتى… مەن بۈگۈن كومىتېتنىڭ خىتاينىڭ توكلۇق ئاپتوموبىللىرىنىڭ دۆلەتنىڭ تولۇقلىمىسىغا ئېرىشىۋاتقانلىقى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلىمەن» .

ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن دۇنيا توكلۇق ئاپتوموبىل بازىرىدا ياۋروپا شىركەتلىرى كۆپ بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ غايەت زور دۆلەت تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان رىقابەتچىلىرىگە تەڭ كېلىپ بولالماي شاللىنىپ كېتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. شۇڭا ئۇ بۇنىڭغا قارشى تەدبىر قوللىنىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن.

مالىيە ۋاقتى گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ توكلۇق ئاپتوموبىل شىركەتلىرىنى تەكشۈرۈش باشلاشنى بىر قىسىم ئەزا دۆلەتلەر تەلەپ قىلغان بولۇپ، فىرانسىيە بۇنىڭدىكى ئاساسلىق دۆلەت ئىكەن. چۈنكى فىرانسىيە ئۆزىنىڭ ئاساسلىق يېشىل ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقارغۇچىلىق ئورنىنى يوقىتىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقى 2010-يىللارنىڭ بېشىدا قۇياش ئېنېرگىيە تاختىسى ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدىمۇ مۇشۇنداق مەسىلىگە دۇچ كەلگەن، ئۇلار دۇنيا كۈنتاختا بازىرىنىمۇ خىتاينىڭ ئەرزان باھالىق كۈنتاختىلىرىغا تارتقۇزۇپ قويغان. شۇڭا ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوخشاش ۋەقەنىڭ قايتا يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇ تەكشۈرۈشنى باشلىغانىكەن.

توكلۇق ئاپتوموبىل بازىرىنىڭ كۆلىمىنىڭ چوڭلۇقىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ دېلو ئەڭ چوڭ سودا دېلولىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. ئەگەر خىتاينىڭ سودا قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىپ ھەقسىز رىقابەت قىلغانلىقى دەلىللەنسە، خىتاي شىركەتلىرى ئېغىر تاموژنا بېجى جازاسىغا ئۇچرىشى مۇمكىنكەن.

خىتاينىڭ توكلۇق ئاپتوموبىل ۋە كۈنتاختا شىركەتلىرى ھەر ئىككىلىسى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئىشلىتىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان ساھەلەر بولۇپ، كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى خىتاينىڭ بۇ ئىككى ساھەدىكى مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىردەك چەكلىنىشى لازىملىقىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.