9-ئىيۇن كۈنى ياۋروپا پارلامېنتى مۇتلەق كۆپ ئاۋازنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى زۇلۇم ۋە باستۇرۇشلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ قارار ئالغانىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا ئوخشىمىغان يوللار ئارقىلىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ قارارغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
«خىتاي خەۋەر تورى» نىڭ 10-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ «ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئارىلاشمايدىغان ئىشى قالمىدى. ئۇلار ھازىر بىزگە زەھەرخەندىلىك بىلەن ھۇجۇم قىلىپ شىنجاڭدا قىرغىنچىلىق بولۇۋاتىدۇ، دەپ جار سېلىۋاتىدۇ. بۇ ھۆكۈمىتىمىزنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق، شۇنىڭدەك خەلقئارا قانۇنلارغىمۇ خىلاپ قىلمىش» دېگەن.
خىتاي ۋەكىللىرى بۇ ھەقتە يەنە بىر قېتىم كونا مۇقامنى تەكرارلاپ «ئۆتكەن 70 يىلدا شىنجاڭدىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت ساھەسىدە تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن گۈللەپ ياشناش بارلىققا كەلدى. ئەمما غەربتىكى دۈشمەن كۈچلەر بۇنى كۆرۈشنى خالىمايۋاتىدۇ» دېگەن. شۇنداقلا ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەسىلىنىڭ تېررورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىكەنلىكىنى، «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ھەققىدىكى ھەرقانداق ھۆكۈمنىڭ پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ 1950-يىللاردىكى ئۈچ يېرىم مىليوندىن كۆپىيىپ ھازىر 11 مىليوندىن ئاشقانلىقىنى تەكىتلىگەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە باشقا ھۆكۈمەت تارماقلىرىمۇ مۇشۇ خىلدىكى پىكىرلەرنى قىلغان.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىققا دائىر تاغدەك ئىسپاتلار ئالدىدىمۇ يەنىلا بۇنى ئىزچىل ئىنكار قىلىشى ھەققىدە سۆز بولغاندا «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتۇر ئادرىيان زېنز «مەيلى خىتاي ھۆكۈمىتى قانداق شەكىلدە ئىنكارچىلىق مەيدانىنى ئىپادىلىشىدىن قەتئىينەزەر ئەمدى ئۇلار دۇنيانى ئالداپ كېتەلمەيدۇ. چۈنكى ھازىر مەلۇم بولغان دەلىل-ئىسپاتلار قۇرۇق گەپلەر بىلەن ئاغدۇرۇلۇپ كەتمەيدۇ» دەيدۇ.