ياۋروپا پارلامېنتىدىكى «ياۋروپا – خىتاي دوستلۇق گۇرۇپپىسى» توختىتىپ قويۇلغان. «پولىتكو» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار ئاپپاراتلىرىغا بەك يېقىنلىقى پارلامېنت ئەزالىرى ئارىسىدا ئەندىشە قوزغىغان ئىكەن.
بۇ ھەقتىكى ئەندىشىلەر ئۆتكەن يىلى 11-ئايدىن تارتىپ كۆپ قېتىم تىلغا ئېلىنغان ۋە پولىتكو قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا خەۋەر قىلىنغان ئىكەن.
25-يانۋار كۈنى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەسىرى كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىنى كۆزىتىدىغان ئالاھىدە كومىتېتىدا بۇ مەسىلە ھەققىدە ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ يىغىندا مەزكۇر گۇرۇپپا پائالىيەتلىرىنىڭ 12-ئايدىن باشلاپ رەسمىي توختىتىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
پارلامېنت ئەزالىرى يىغىندا مەزكۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، چېخ پارلامېنت ئەزاسى زاھرادىلنىڭ ئالدىنقى ئايدا ماقۇللانغان ياۋروپا-خىتاي مەبلەغ سېلىش ئۇنىۋېرسال كېلىشىمى ھەققىدىكى جىددىي سۆھبەتلەرگە قاتناشقان سودا ھەيئىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇشتەك مۇھىم ئورۇنغا ئىگە بولۇشىنىڭ دىققەت قوزغايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭدىن سىرت يەنە، مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ باش كاتىپى گەي لىن، خىتاي پۇقراسى ۋە شۇنداقلا زەھرادىلنىڭ ياردەمچىسى بولۇپ، ئۇ ئۆتكەن ئون يېرىم يىل بويىچە ياۋروپا ئىتتىپاقى پارلامېنت ئەزالىرىنى ئون نەچچە قېتىم خىتايغا ساياھەتكە تەشكىللەشكە مەسئۇل بولغان بولۇپ، بۇ ساياھەتلەر بېيجىڭنىڭ يۇمشاق كۈچ ئاپپاراتلىرىغا چېتىلىدىكەن.
چېخ پارلامېنت ئەزاسى زەھرادىل يىغىندا مەزكۇر گۇرۇپپا پائالىيەتلىرىنىڭ 12-ئايدىن باشلاپ رەسمىي توختىتىلغانلىقىنى دەلىللىگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ خىتاي تەرەپنى پايدىلىق سودا ئۇچۇرىغا ئېرىشىش ئىمتىيازىغا ئېرىشتۈرگەنلىكى ۋە دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ خىتاينىڭ تەشۋىقات قورالى سۈپىتىدە خىزمەت قىلغانلىقى ھەققىدىكى قاراشلارنى رەت قىلغان. بىراق ئۇ مەزكۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەتلەرنىڭ چىقىمىنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈستىگە ئالغانلىقىنى رەت قىلالمىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، شۇ كۈنكى ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا چېخ ئاقىللار ئامبىرى «سىنوپسىس ئىنستىتۇتى» ۋە فىرانسىيە ئاقىللار ئامبىرى «مونتايىن ئىنستىتۇتى» دىكى تەتقىقاتچىلار خىتاي تەسىرى ھەققىدە سۆز قىلغاندا ياۋروپا-خىتاي دوستلۇق گۇرۇپپىسىنى خىتاي دۆلىتىنىڭ ياۋروپا سىياسىتىگە ئارىلىشىشقا ئۇرۇنۇشنىڭ بىر مىسالى دەپ باھالىغان.