چارشەنبە كۈنى، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سىگمار گابرىيال فىرانسىيەدىكى زىيارىتى داۋامىدا قىلغان بىر سۆزىدە «خىتاينىڭ بىزنى بۆلۈشنى مەقسەت قىلمىغان بىر ياۋروپا سىياسىتى بولۇشى كېرەك» دېگەن ئىدى.
گابرىيال ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنداق دېگەنلىكىگە بىر چۈشەنچە بەرمىگەن.
ئەمما ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى كىچىك دۆلەتلەر ئۈستىدىكى ئىقتىسادىي كۈچىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى خىتايغا ئائىت مەسىلىلەردە ئۆزىگە پايدىلىق قارار چىقىشىنى قولغا كەلتۈرىدىغان خاھىشلار كۆپىيىپ كەتكەن بولغاچقا، بۇ ئەھۋال بەزى ياۋروپا دۆلەتلىرى ئەمەلدارلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك نارازىلىق پەيدا قىلماقتىكەن.
ۋاشىنگتون پوچتىسىنىڭ مىسال قىلىپ كۆرسىتىشىچە، گىرېتسىيە بۇ يىل ئىيۇندا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تەنقىدلەپ بايانات ئېلان قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغان ئىكەن. ۋېنگىرىيەمۇ مۇشۇنىڭدەك يەنە باشقا باياناتلارنىڭ ئېلان قىلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ياۋروپالىق ئەمەلدار يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى قارمىقىدىكى ئايرىم ھۆكۈمەتلەرگە بەزى پايدىلارنى بېرىش ئارقىلىق، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق ھالدا قارار ئېلىشىغا كاشىلا پەيدا قىلىۋاتقانلىقىدىن شىكايەتچى ئىكەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خۇا چۈنيىڭ بولسا پەيشەنبە كۈنى مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب قايتۇرغاندا ئۆزلىرىنىڭ بۇ باياندىن ھەيران قالغانلىقىنى ئېيتىپ، گابرىيالنى «بىر ياۋروپا» دېگەن سۆزىگە چۈشەنچە بېرىشكە چاقىرغان.