ياۋروپا خىتاينىڭ توك ئاپتوموبىللىرىغا يۇقىرى باج قويغان

ياۋروپا ئۆزىنىڭ ماشىنا بازىرىنى قوغداش ئۈچۈن خىتاينىڭ توك ئاپتوموبىللىرىغا 45 پىرسەنت تاموژنا بېجى قويغان. بۇ ئەھۋال ياۋروپا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا جېڭىنى كەسكىنلەشتۈرۈشى مۇمكىن ئىكەن.

«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ 30-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان خەۋىرىگە قارىغاندا، 30-ئۆكتەبىر كۈنى ياۋروپا رەھبەرلىرى ياۋروپا ئاپتوموبىل بازىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئادىل سودا مۇھىتى يارىتىش ئۈچۈن خىتاينىڭ توك ئاپتوموبىللىرىدىن يۇقىرى باج ئېلىشتا بىرلىككە كەلگەن. بۇ قارار خىتاينىڭ دۆلەت ياردىمىگە ئېرىشكەن خىتاي توك ئاپتوموبىل شىركەتلىرىنىڭ ياۋروپا بازىرىنى ئادىل بولمىغان شەكىلدە مونوپول قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم رول ئوينايدىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ توك ئاپتوموبىللىرىدىن ئېلىنىدىغان باج ئەسلىدىكى 10 پىرسەنتتىن بىراقلا 45 پىرسەنتكە ئۆستۈرۈلگەن بولۇپ، مۇشۇ ئۆلچەمدە 5 يىل داۋام قىلىدىكەن. بۇنداق بولغاندا، ياۋروپا ئىستېمالچىلىرى خىتاينىڭ ئاپتوموبىللىرىنى بۇرۇنقىدىن يۇقىرى باھادا سېتىۋېلىشقا مەجبۇر بولىدىكەن.

ياۋروپا ئاپتوموبىل سانائىتى سودا جەمئىيىتى (ACFA) نىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ توك ئاپتوموبىللىرىنىڭ ياۋروپا بازىرىنى ئىگىلەش نىسبىتى ئىلگىرى 3 پىرسەنتتىن 20 پىرسەنتكە ئۆرلىگەن بولۇپ، ئەگەر يۇقىرى باج قويمىغاندا، ياۋروپادىكى ئاپتوموبىل زاۋۇتلىرىدا ئىشسىزلىق كۆپىيىپ كېتىدىكەن.

ئامېرىكا بىلەن كانادا خىتاينىڭ توك ئاپتوموبىللىرىدىن 100 پىرسەنت باج ئالغانلىقى ئۈچۈن، خىتاي شىركەتلىرى ئامېرىكا بازىرىدىن چېكىنگەن. ياۋروپا گەرچە خىتاينىڭ توك ئاپتوموبىللىرىنى ئىمپورت قىلىشنى پۈتۈنلەي چەكلىمىگەن بولسىمۇ، يۇقىرى باج قويۇش ئارقىلىق ياۋروپا ئاپتوموبىل سانائىتىنى قوغدىماقچى بولغان.

ھالبۇكى، گېرمانىيەدىكى ئاپتوموبىل شىركەتلىرى خىتايغا نۇرغۇن مەبلەغ سالغان بولۇپ، خىتاينىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن قورقۇپ خىتاينىڭ توك ئاپتوموبىلىدىن يۇقىرى باج ئېلىشقا قارشى تۇرغان ۋە ئادىل، ئەركىن رىقابەتنىڭ مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان. خىتاينىڭ ئاپتوموبىل شىركەتلىرى بولسا ھۆكۈمەتكە ياۋروپانىڭ گاز ماشىنىلىرىدىن يۇقىرى باج ئېلىش ئارقىلىق قايتۇرما زەربە بېرىش تەكلىپىنى بەرگەن. بىر قىسىم خىتاي شىركەتلىرى، مەسىلەن بىيادى (BYD) ياۋروپادا ياكى ياۋروپا ئەركىن سودا رايونى ئىچىدىكى تۈركىيەدە زاۋۇت قۇرۇش ئارقىلىق ياۋروپانىڭ يۇقىرى بېجىغا تاقابىل تۇرماقچى بولغان.