ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇرلارنى دەپسەندە قىلغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالىشى ۋە خىتاينىڭ بۇنىڭغا قارشى ئۆچ ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئېلىشى ئىككى تەرەپ 3 ئاي ئاۋۋال ئورتاق پىكىر ھاسىل قىلغان ياۋروپا ئىتتىپاقى-خىتاي مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنى سۇغا چىلاشتۇرغان. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياۋروپا پارلامېنتى 23-مارت خىتاي بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇزاكىرە يىغىنىنى بىكار قىلىپ، خىتاينىڭ 5 نەپەر ياۋروپا پارلامېنتى ئەزاسىغا قارىتا ئۆچ ئېلىش تەدبىرى ئالغانلىقىغا نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن.
ياۋروپا ئىتتىپاقى 22-مارت خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى 4 نەپەر ئەمەلدارى ۋە بىر ئاپپاراتىغا ئۇيغۇرلارنى دەپسەندە قىلىشى سەۋەبلىك ئېمبارگو يۈرگۈزگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قارشى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ 5 نەپەر ئەزاسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان10 كىشىگە ئېمبارگو قويغانىدى. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياۋروپا پارلامېنتىدىكى 2-چوڭ سىياسىي گۇرۇپپا بولغان مەركىزى سول سوتسىيالىستلار ۋە دېموكراتلار خىتاينىڭ ئېمبارگوسىنى بىكار قىلىشى مەبلەغ سېلىش كېلىمىشى توغرىسىدا سۆزلىشىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ياۋروپا پارلامېنتى سودا كومىتېتىنىڭ رەئىسى بېرند لەنگە «بۇ مەسىلىدە نورمال سۆھبەتكە قايتىشتىن بۇرۇن ئېمبارگو ھەل قىلىنىشى كېرەك» دېگەن. رويتېرسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، فىرانسىيە بىلەن گېرمانىيە بۇرۇن مەبلەغ كېلىشىمىنى قوللىغان بولسىمۇ، بىراق ھازىر ئۇنىڭغا باشقىچە قارىماقتا ئىكەن. ياۋروپا پارلامېنتى خىتاي گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئېمبارگو قويغان پارلامېنت ئەزالىرىدىن گېرمانىيەلىك سىياسىيون رېيىنھارد بۆتىكوفېر «بۇ كېلىشىمنىڭ ئىستىقبالى ناھايىتى گۇمانلىق» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.