ياۋروپا كومىتېتى خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان ئېلېكترونلۇق ۋېلىسىپىتلەرنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان

ياۋروپا كومىتېتى جۈمە كۈنى بىر قارار چىقىرىپ، خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان ئېلېكترونلۇق ۋېلىسىپىتلەرنى تەكشۈرۈش ھەرىكىتى باشلىغان.

رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان ئېلېكترونلۇق ۋېلىسىپىتلەر ياۋروپادا ئىشلەنگەن ۋېلىسىپىتلەرگە قارىغاندا ئىنتايىن ئەرزان باھادا سېتىلغان بولغاچقا، ياۋروپادىكى ۋېلىسىپىت ياسىغۇچى شىركەتلەر ئالاقىدار ئورگانلارغا شىكايەت قىلغان ئىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، ياۋروپا ۋېلىسىپىت ياسىغۇچىلار جەمئىيىتى بۇ يىل سېنتەبىر ياۋروپا كومىتېتىغا يوللىغان شىكايىتىدە، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ياۋروپا بازىرىنى ئەرزان باھالىق ۋېلىسىپىتلەر بىلەن تولدۇرۇۋەتكەنلىكىنى، بۇلارنىڭ ياۋروپادا ياسالغان ۋېلىسىپىتلەرنىڭ تەننەرخىدىنمۇ ئەرزان ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن.

جەمئىيەتنىڭ ئېيتىشىچە، 2016-يىلى خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان 430 مىڭ دانە ئېلېكترونلۇق ۋېلىسىپىت ياۋروپا بازىرىدا سېتىلغان. بۇ سان 2015-يىلىدىكىگە قارىغاندا 40 پىرسەنت ئاشقان.

ئۇلار 2017 يىلىدا بۇ خىلدىكى ۋېلىسىپىتلەردىن 800 مىڭ دانىسى سېتىلىشى مۇمكىنلىكى پەرەز قىلغان.

ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، ۋېلىسىپىتنىڭ پېدالىغا ئېلېكترونلۇق ماتور ئورنىتىش تېخنىكىسىنى ياۋروپا شىركەتلىرى دەسلەپتە باشلىغان ۋە ئۆتكەن يىلى بۇ تېخنىكىغا 1 مىليون 200 مىڭ دوللار مەبلەغ سالغان.

خىتاي ياۋروپا بازىرىغا تۆكمە قىلىپ سېلىۋاتقان ئەرزان باھالىق ئېلېكترونلۇق ۋېلىسىپىتلەر تۈپەيلى، ياۋروپا ۋېلىسىپىت ياسىغۇچىلىرى بازارنى پۈتۈنلەي خىتايغا تارتتۇرۇپ قويۇش تەھدىتىگە دۇچ كەلگەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، ياۋروپا كومىتېتى نۆۋەتتە خىتاينىڭ تۆكمە قىلىپ سېتىش قىلمىشىنى ئىسپاتلايدىغان يېتەرلىك دەلىل بارلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ تەكشۈرۈش 15 ئاي ئىچىدە خۇلاسىلىنىدىكەن.

خىتاي سودا مىنىستىرلىقى ياۋروپا كومىتېتىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەكشۈرۈشىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۆز شىركەتلىرىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاينىڭ ياۋروپاغا ئۆز ماللىرىنى تۆكمە قىلىپ سېتىش مەسىلىسى، ياۋروپا خىتاي سودا مۇناسىۋەتلىرىدىكى مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى.

ياۋروپا دائىرىلىرى ئىلگىرى خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان قۇياش ئېنېرگىيىسى تاختىلىرى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ئىدى.