ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا ئۇيغۇر مەسىلىسى تۈپەيلىدىن جازا يۈرگۈزگەن

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 22-مارت خەۋەر قىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى ھەرىكەت قوللىنىپ، 4 نەپەر خىتاي ئەمەلدارىغا جازا يۈرگۈزگەن، بۇنىڭ ئىچىدە بىرسى خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشلىقى ئىكەن. بۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 1989-يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم خىتاينى جازالىشى ھېسابلىنىدىكەن.

بۇ 4 ئەمەلدار ئۇيغۇرلارنى كەڭ-كۆلەمدە لاگېرلارغا سولاشنىڭ ئاكتىپ ئىجراچىسى — ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى چېن مىڭگو، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ مىڭشەن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى، بىڭتۇەن پارتكومىنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ جۈنجېڭ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سابىق مۇئاۋىن سېكرىتارى ۋە سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى جۇ خەيلۇن قاتارلىقلار بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بارغان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى بىلەن جازالىنىپ، ياۋروپادىكى مال-مۈلكى توڭلىتىلىدىكەن ۋە ياۋروپاغا ساياھەت قىلىشى چەكلىنىدىكەن.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، گەرچە بۇ جازالار سىمۋول خاراكتېرلىك بولسىمۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا قاتتىق قول پوزىتسىيە تۇتىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدىكەن. ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇزۇندىن بېرى خىتاينى دوست، سودىدا ھەمكارلاشقۇچى دەپ قاراپ كەلگەن بولۇپ، ئەمدىلىكتە خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكنى دەپسەندە قىلغۇچى دۆلەت دەپ قاراشقا باشلىغان.

ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى 29 دۆلەتنىڭ ھەممىسى بۇ جازا تەدبىرىگە قوشۇلغان بولۇپ، پەقەت ۋېنگىرىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرىلا بۇ تەدبىرنى «زىيانلىق ۋە ئەھمىيەتسىز» دەپ قارىغان. بۇلار ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇپ، ئۆز مەنپەئەتلىرىنى قوغداش جەھەتتە تېخى تولۇق بىرلىككە كېلىپ بولالمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.