ياۋروپا كومىسسىيونىنىڭ رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن بېيجىڭ زىيارىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان

ياۋروپا كومىسسىيونىنىڭ رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن (Ursula von der Leyen) بېيجىڭدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرىتارى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن 6-ئاپرىل شى جىنپىڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىتىن كېيىن، بېيجىڭدا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېگەن:

«بىز كىشىلىك ھوقۇق توغرىسىدىمۇ سۆزلەشتۇق. بىز خىتايدا بارغانسېرى چېكىنىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. بولۇپمۇ شىنجاڭدىكى ۋەزىيەت كىشىنى تېخىمۇ قايغۇغا سالىدۇ. بىزنىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدىكى سۆھبەتلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرۇشىمىز ئىنتايىن مۇھىم.»

ياۋروپا كومىسسىيونىنىڭ رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن (Ursula von der Leyen) ۋە فىرانسىيە پرېزىدېنتى ئېمانيۇل ماكرون (Emmanuel Macron) خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن سۆھبەتتە. 2023-يىلى 6-ئاپرېل، بېيجىڭ.
ياۋروپا كومىسسىيونىنىڭ رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن (Ursula von der Leyen) ۋە فىرانسىيە پرېزىدېنتى ئېمانيۇل ماكرون (Emmanuel Macron) خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن سۆھبەتتە. 2023-يىلى 6-ئاپرېل، بېيجىڭ. (AP)

ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن خانىم بېيجىڭدىكى رەسمىي زىيارىتىنى باشلاشتىن ئاۋۋال بېريۇسسېلدا بەرگەن باياناتىدىمۇ ئۇيغۇرلار مەسىلىسنى تىلغا ئالغان ئىدى. ئۇ شۇ قېتىملىق سۆزىدىمۇ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ ئىنتايىن ئېغىرلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇققا مۇناسىۋەتلىك خەلقئارالىق مەجبۇرىيەتلىرىنى قانداق ئادا قىلىشى، بىزنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىقىمىزنى سىنايدىغان يەنە بىر سىناق بولۇپ قالىدۇ» دېگەن.

«گېرمانىيە ئاۋازى» رادىيوسىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇرسۇلا خانىمنىڭ بېيجىڭدىكى زىيارىتىنىڭ مۇھىم تېمىلىرىنىڭ بىرى ئۇكرائىنا مەسىلىسى ئىكەن. ئۇ شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە، «رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى بىۋاستە ياكى ۋاستىلىق ھالدا قورال بىلەن تەمىنلىمەسلىكى كېرەكلىكىنى، بۇنىڭ خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە ياۋروپا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگىمۇ ئېغىر زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى» ئېيتقان.

ياۋروپا كومىسسىيونىنىڭ رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن خانىم فىرانسىيە پرېزىدېنتى ماكرون بىلەن بىرلىكتە خىتايدا رەسمىي زىيارەتتە بولۇۋاتقان بولۇپ، ئۇلار بۇ زىيارىتىدە خىتاي باش مىنىستىرى لى چياڭ بىلەنمۇ كۆرۈشكەن. يۇقىرىقى ئىككى رەھبەر خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭ بىلەن ئايرىم-ئايرىم ئۇچراشقان ھەمدە يەنە 3 تەرەپلىك سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.