ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايدىن مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىگە يول قويۇشنى تەلەپ قىلغان

ياۋروپا ئىتتىپاقى 14-سېنتەبىر كۈنى خىتاي دائىرىلىرىدىن مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى ئېغىر دەپسەندە قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىدا مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياۋروپا كېڭىشىنىڭ پرېزىدېنتى چارلېس مىشېل بۇ چاقىرىقنىڭ 14-سېنتەبىر خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ بىلەن ۋىدېيو ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا ئىتتىپاقى-خىتاي باشلىقلار يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى، ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرەپنىڭ يەنە خوڭكوڭ مەسىلىسىدىكى ئەندىشىلىرىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

چارلېس مىشېل: «بىز خىتاينىڭ شىنجاڭ ۋە تىبەتتىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە تۇتقان مۇئامىلىسى، كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىغا ۋە ئاخباراتچىلارغا تۇتقان پوزىتسىيەسىگە قارىتا ئەندىشىلىرىمىزنى قايتا تەكىتلىدۇق،» دېگەن. فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بايان قىلىشىچە، چارلېس مىشېل يەنە: «بىز مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدۇق شۇنداقلا بىز يەنە خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغان شىۋېتسىيە پۇقراسى گو مىڭخەي بىلەن ئىككى كانادا پۇقراسىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردۇق،» دەپ كۆرسەتكەن.

بۇنىڭ ئالدىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بايانات ئېلان قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە مەزكۇر ئىتتىپاققا ئەزا دۆلەتلەرنى خىتاي-ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىدىن پايدىلىنىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن كونكرېت ھەرىكەت قوللىنىشقا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى جاۋابكارلىققا تارتىشقا چاقىرغان ئىدى. باياناتتا ياۋروپا ئىتتىپاقى «خىتاينىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچلىقى، تىبەتلەر، موڭغوللار، خوڭكوڭلۇقلار ۋە خىتاي پاالىيەتچىلىرى ھەم ئادۋوكاتلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىشىغا قارىتا كۈچلۈك ۋە پرىنسىپال مەيدانىنى ئىپادىلەش» كە ئۈندەلگەن ئىدى.