ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرا ئاسىياغا بىر مىليارد ياۋرو ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

20 - نويابىر كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەرەققىيات كومىسسىيىنىڭ باشلىقى ئاندرىس پىيېبالگس ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەركىزىي ئاسىيانىڭ دېموكراتىك ئىنىستىتۇتلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن بىر مىليارد ياۋروغىچە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئۇ بۇ سۆزىنى قىرغىزىستان، تاجىكىستان، تۈركمەنىستان ۋە ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە ئېيتقان.

رۇسىيە خەۋەرلەر ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يېقىنقى يەتتە يىل ئىچىدە بۇ ياردەملەرنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. مەلۇم بولۇشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى قىرغىزىستانغا 180 مىليون ياۋرو، تاجىكىستانغا 250 مىليون ياۋرو ئاجرىتىدىكەن.

قازاقىستان رايون خاراكتېرلىق ھەمكارلىقلار ئارقىلىق ياردەملەرنى ئېلىشى مۇمكىن ئىكەن.