ياۋروپاغا كىرگەن 10 مىڭدىن ئارتۇق بالىنىڭ ئىز - دېرىكى بولمىغان


ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ساقچى ئورگىنىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى يىللىق كۆچمەنلەر دولقۇنى جەريانىدا ياۋروپاغا كەلگەن مۇ تەخمىنەن 10 مىڭدىن ئارتۇق مۇساپىر بالىنىڭ ئىز - دېرىكى يوق.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، بالىلارنى قۇتقۇزۇش ئورنى ئۆتكەن يىلى تەخمىنەن 26 مىڭ ئەتراپىدا مۇساپىر بالىنىڭ كۆچمەنلىك سالاھىيىتى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ياۋروپا ساقچى ئورگىنى بەلكى غايىب بولغان بۇ بالىلارنىڭ ھەر خىل جىنايى گۇرۇھلارنىڭ مەجبۇرلىشى ئاستىدا جىنسىي زۇلۇم ۋە قۇللۇققا تۇتۇلغان بولۇشى، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ بەلكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىدە تۇرۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكى، ئومۇمەن ئۇلارنىڭ ئەھۋالى ئېنىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن.

2015 - يىلى، ئىتالىيە دائىرىلىرى، 5000 ئەتراپىدا، شىۋېتسىيە 1000 ئەتراپىدا مۇساپىر بالىلارنىڭ مۇساپىرلارنى يىغىش ئورنىدىن غايىب بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ياۋروپا ساقچى ئورگىنى مۇساپىرلارنىڭ ياۋروپاغا كېلىشىنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقانلىقى، بۇ يىل 55مىڭدىن ئارتۇق مۇساپىرنىڭ ياۋروپاغا كىرگەنلىكى، ياۋروپاغا كېلىش جەريانىدا 244 ئادەمنىڭ ئوتتۇرا يەر دېڭىزىغا غەرق بولۇپ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.