خىتاينىڭ ياخشىچاق مۇئامىلىسى ئامېرىكا ئۈچۈن بىر مەسىلە ئىكەن
2023.01.25
دۇنيادا ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي كۈچ بولغان خىتاي ئالدىنقى يىللاردا خەلقئارادا «چىلبۆرە دىپلوماتىيەسى» يۈرگۈزگەن بولسىمۇ، بۈگۈنكى كۈندە ئىچكىي-تاشقىي كىرزىسلارغا بوغۇلۇپ، ئىقتىسادى چۆكۈشكە باشلىغاندىن كېيىن، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرىگە ياخشىچاق بولۇشقا باشلىغان.
24-يانۋار كۈنى «بلومبېرگ تورى» دا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ «چىلبۆرە دىپلوماتىيەسى» ئامېرىكانىڭ خىتايغا قارشى خەلقئارا ئىتتىپاق قۇرۇشىنى تېزلەتكەن بولۇپ، شى جىنپىڭ بۇنى ئەمدى ھېس قىلىپ، ئىلگىرىكى پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتىشكە باشلىغان. بىراق ئامېرىكا بۇ قېتىم خىتاينىڭ «خۇش چىراي مۇئامىلىسى» گە يەنە ئالدانسا، ئۆزىنىڭ دىپلوماتىيەدىكى ئاجىزلىقىنى ئاشكارىلاپ قويىدىكەن.
ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، 2020-يىل كوۋىد يۇقۇمى يامرىغاندىن كېيىن خىتاي ئۆزىنىڭ قوشنىسى بولغان ھىندىستان، ياپونىيە، تەيۋەن، ۋېيتنام قاتارلىق دۆلەتلەرگە ھەربىي تەھدىت سالغان، خىتاينىڭ «چىلبۆرە دىپلوماتىيەسى» دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنى غەزەبلەندۈرگەن. خىتاي يەنە ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلغان رۇسىيە تەرەپتە تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ قەبىھلىكىنى تېخىمۇ ئاشكارىلىغان. ئامېرىكا بۇنىڭ ئالدىدىلا ياپونىيە، ھىندىستان، ئاۋسترالىيە بىلەن «تۆت دۆلەت ئىتتىپاقى» قۇرغان بولۇپ، ئارقىدىن ناتوغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن «7 دۆلەت ئىتتىپاقى» مۇ خىتايغا قارشى بىرلىك سەپ تۈزۈشكە باشلىغان. بۇنى كۆرگەن شى جىنپىڭ بىردىنلا ئەقىللىق بولۇۋېلىپ، كوۋىد قامال سىياسىتىنى تېزدىن بىكار قىلىپ، خەلقئارا بىلەن يارىشىپ قېلىش كويىغا چۈشكەن.
2023-يىل ئامېرىكا دۇچ كېلىدىغان ئەڭ چوڭ دىپلوماتىك مەسىلە خىتاينىڭ ياخشىچاق پوزىتسىيەسىگە قانداق ئىنكاس قايتۇرۇش مەسىلىسى ئىكەن. ئامېرىكانىڭ ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداشلىرى يەنىلا خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتنى ساقلاپ قېلىش تەرەپدارلىرى بولۇپ، ئامېرىكا ئەگەر بۇ دۆلەتلەرگە خىتايدەك مەنپەئەت بېرەلمىسە، ئۇلارنىڭ ئۆز مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن خىتاي بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىشى مۇمكىن ئىكەن ۋە بۇ مەسىلە ئامېرىكانى قىيىن ئەھۋالدا قويىدىكەن.