خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك كۈچلىرى شەندۇڭنىڭ جىنەن شەھىرىدە ياشاۋاتقان تۇڭگان يازغۇچى ئەنرەننى ئۇيغۇرلارغا يان باسماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان.
مۇشۇ ئاينىڭ 10-كۈنى ئەنرەننىڭ ئالدىنى توسقان 5 نەپەر دۆلەت بىخەتەرلىك خادىمى ئۇنىڭغا مىللەتلەر مەسىلىسى ھەققىدە پىكىر بايان قىلىشنى توختىتىشقا بۇيرۇق قىلغان ۋە ئۇنداق بولمىغاندا، ئۆزىنى قاماقتا كۆرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
بىرقانچە يىلدىن بېرى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ ۋە پىكىر بايان قىلىپ كېلىۋاتقان يازغۇچى ئەنرەن، خىتاينىڭ بۇ تەھدىتلىرىدىن كېيىن ئۇيغۇربىز تورىغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلىپ، ھەق ۋە ئادالەت تەرەپتە تۇرۇشتەك مەيدانىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقى مەسىلىسىدە قەلەم كۈرىشىنى توختاتمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ئۇيغۇر بىز تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، بېيجىڭدىكى مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى، تۇڭگان يازغۇچى ئەنرەننىڭ بۇ تەۋرەنمەس مەيدانى ئۈستىدە توختىلىپ: «ئەنرەن ئۇيغۇرلارنىڭ سادىق بىر دوستى شۇنداقلا يەنە ئىنسانىي ھوقۇقنىڭ ۋە ئىمان-ئېتىقادنىڭ قوغدىغۇچىسى» دەپ تەسىرات بايان قىلغان.