ئەنگلىيەدىكى يەھۇدىي جامائىتىنىڭ 27-يانۋار «چوڭ قىرغىنچىلىق» خاتىرە كۈنى ئۇيغۇرلارغا مەركەزلىشىدىكەن

ئەنگلىيەدىكى يەھۇدىي جامائىتى رەھبەرلىرىنىڭ 27-يانۋار يەھۇدىي «چوڭ قىرغىنچىلىقى» خاتىرە كۈنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە مەركەزلىشىدىغانلىقى، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنى تەنقىدلەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى يەھۇدىيلار 27-يانۋار پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ، ناتسىستلارنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا يەھۇدىيلارغا ئېلىپ بارغان چوڭ قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەيدۇ. ئەنگلىيەدىكى «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگلىيەدىكى يەھۇدىي جامائىتىنىڭ رەھبەرلىرى بۇ يىلقى «چوڭ قىرغىنچىلىق» خاتىرە كۈنىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچۇۋاتقان زۇلۇمغا مەركەزلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە، يەھۇدىي جامائىتى رەھبەرلىرىنىڭ «يەھۇدىيلار، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمغا قارشى سۆزلەشكە ھەقلىق ۋە ئۇلارنىڭ ئەخلاقىي مەجبۇرىيىتى بار» دەپ كۆرسەتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ تەكىتلىشىچە، «رېنې كاسسىن» ناملىق يەھۇدىي كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى مىيا خاسېنسون گروس، «چوڭ قىرغىنچىلىق» خاتىرە كۈنى دىققەتنى زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان باشقا خەلقلەرگە مەركەزلەشتۈرۈشنىڭ يەھۇدىيلار ئۈچۈن «مۇھىملىقى» نى بىلدۈرگەن.

ئەنگلىيەدىكى يەھۇدىي دىنى كونسېرۋاتىپلار ئېقىمى(Masorti Judaism)نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دىنىي ئۆلىماسى جوناتان ۋىتتېنبېرگ مۇنداق دېگەن: «بىز ئۆز خەلقىمىزنىڭ جىسمى ئارقىلىق زىيانكەشلىكنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئۆگەندۇق. باشقا خەلقلەرگە قارىتا ئۇلارنىڭ كىملىكى سەۋەبلىك جىنايەت سادىر قىلىنسا، ئۇنىڭغا سۈكۈت قىلىشنى ئەخلاقىي جەھەتتىن چۈشەندۈرگىلى بولمايدۇ».

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئەنگلىيەدىكى يەھۇدىي جامائىتى ئۇيغۇرلارنى قوغداش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىش توغرىسىدىكى چاقىرىقلارنى قوللايدىكەن. ئەنگلىيەدىكى يەھۇدىي جامائىتى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ناھايىتى ئاكتىپ بولۇپ، ئۇلار خىتايغا كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىشنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن.