يەھۇدىي ئۆلىمالىرى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىرغان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2021.03.03

«ئېرۇسالىم پوچتىسى» نىڭ 3-مارت خەۋەر قىلىشىچە، ھەر خىل مەزھەپتىكى رابىلار (يەھۇدىي ئۆلىمالىرى) ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىرغان. 16 رابى ئىمزا قويغان بىرلەشمە مەكتۇب ئالدىنقى ھەپتە ئاۋام پالاتا ئەزاسى تېد ليۇغا سۇنۇلغان. تېد ليۇ (Ted Lieu) لوس ئانژېلىس رايونىدىكى خەلق سايلاپ چىققان ۋەكىل بولۇپ، بۇ رايوندا يەھۇدىي جامائىتى كۆپ ئولتۇراقلاشقان ئىكەن.

رابىلار سۇنغان بۇ مەكتۇبتا ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلارنى تاقاش ۋە ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئىشلىتىپ ئىشلەپچىقارغان خىتاي ماللىرىنى ئامېرىكاغا كىرگۈزمەسلىك قاتارلىق مەزمۇنلار بار ئىكەن. مەكتۇبتا مۇنداق دېيىلگەن: «سىلەرنىڭ ئۇيغۇرلار توغرۇلۇق تۈزۈلگەن قانۇننى قوللىشىڭلار ئۇزۇن مۇددەت زۇلۇمغا ئۇچراپ كەلگەن بۇ خەلقنىڭ تېخىمۇ ئېغىر زوراۋانلىققا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ». رابىلار يەنە تېد ليۇنى «يەھۇدىيلار دۇنياسىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشقا چاقىرغان بولۇپ، مەزكۇر تەشكىلات ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىدە ئاكتىپ رول ئويناپ كەلگەن ھەمدە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پائالىيەت قىلغان ئىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشچە، يەھۇدىي پائالىيەتچىلىرىنىڭ، بولۇپمۇ ئەنگىلىيەدىكى يەھۇدىيلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىشى، ئالدىنقى ئەسىردىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى باشتىن كەچۈرگەن يەھۇدىي شاھىتلارنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆزلىگەن سۆزلىرى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى يەھۇدىي جامائىتى ئارىسىدا دىققەت قوزغىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.