يەكەن ناھىيەلىك دائىرىلەر تۈمەنلىگەن خەلقنى «دۆلەت ناخشىسى ئېيتىپ تەيجى گۇمپىسىنى مەشىق قىلىش» پائالىيىتىگە تەشكىللىگەن


18 - ئاۋغۇست كۈنى يەكەن ناھىيەلىك دائىرىلەر يەكەن ناھىيە بازىرىدىكى «ئون ئىككى مۇقام مەيدانى» غا بىر تۈمەن كىشىلىك ئاممىنى تەشكىللەپ «دۆلەت ناخشىسى ئېيتىپ، تەيجى گۇمپىسىنى مەشىق قىلىش» پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى مەخسۇس خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ قېتىملىق تۈمەن كىشىلىك پائالىيەتكە تەشكىللەنگەن ئامما يەكەن ناھىيەسىنىڭ ئاۋات بازىرى، بەشكەنت بازىرى ۋە مىشا يېزىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 25 يېزا - بازاردىن ئېلىپ كېلىنگەنلەر ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى يەكەن ناھىيەلىك پارتكوم تەشكىللىگەن بۇ قېتىملىق تۈمەن كىشىلىك «دۆلەت ناخشىسى ئېيتىپ، تەيجى گۇمپىسى مەشىق قىلىش» پائالىيىتى «جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئېسىل مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش» نى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

خەۋەردە يەكەن ناھىيەسىنىڭ ھەرقايسى يېزا - بازارلىرىدىكى تەشۋىقات كادىرلىرى بىلەن ئاياللار بىرلەشمىسى مۇدىرلىرىنىڭ سۆزلىرى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، يېزا - كەنتلەردىكى نۇرغۇن ئۇيغۇر ياشلارنىڭ تەيجى گۇمپىسىغا ھەۋەس قىلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

يەكەن ناھىيەلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى ۋاڭ يوڭجى: «بۇ قېتىملىق تۈمەن كىشىلىك ‹دۆلەت ناخشىسى ئېيتىپ، تەيجى گۇمپىسى مەشىق قىلىش› پائالىيىتى يەكەندىكى ئاممىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك كەيپىياتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرۇلدى،» دېگەن.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بىلەن سىياسىي پائالىيەتچىلەر بۇ ھەقتە كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇردى. ئۇلار، ئۇيغۇرلار نوپۇسى ئەڭ زىچ بولغان قەدىمىي شەھەر يەكەندە تۈمەنلىگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ خىتاي ئەنئەنىۋى كىيىملىرىنى كىيىپ، خىتاي مۇزىكىسىغا تەڭكەش قىلىپ تەيجى گۇمپىسى مەشىق قىلىشقا ئۇيۇشتۇرۇلۇشى، دائىرىلەرنىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئىچ يۈزىنى ئاشكارا قىلدى، دەپ ھېسابلىماقتا.