دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 28 - ئىيۇل يەكەن ۋەقەسىنىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرىلەپ بايانات ئېلان قىلدى


دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 2014 - يىلى زوزا ھېيت ھارپىسىدا يۈز بەرگەن 28 - ئىيۇل يەكەن ۋەقەسىنىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرىلەپ بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، بۇلتۇر يۈز بەرگەن يەكەن قىرغىنچىلىقى ھەققىدە توختىلىپ، «مۇستەبىت كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ 2014 - يىلى 7 - ئاينىڭ 28 - كۈنى يەكەندە ئېلىپ بارغان رەھىمسىزلەرچە قىرغىنچىلىقى، شەرقىي تۈركىستساننىڭ ھازىرقى زامان تارىخىدا 5 - ئىيول ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن ئەڭ زور سىياسىي پاجىئە ۋە قىرغىنچىلىقلارنىڭ بىرى. بۇ قىرغىنچىلىقتا خىتاي ھۆكۈمىتى 96 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئىلان قىلدى، ئەمما ۋەتەندىن بىۋاستە كەلگەن ئۇچۇرلاردا ئۆلگەن ئادەم سانى بىر قانچە مىڭ ئىكەنلىكى خەۋەر قىلىنماقتا. بىز خەلقئارا مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ يەكەن قىرغىنچىلىقىنىڭ ھەقىقى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشىنى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەقەنىڭ ھەقىقىتىنى ئاشكارىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز» دىگەن بايانلار بېرىلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى يەنە، ھەرقايسى دۆلەتلەردە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى 28 - ئىيۇل يەكەن قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەشكە چاقىرغان بولۇپ، 28 - ئىيۇل كۈنى گېرمانىيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلار شۇ جايلاردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۆز دۆلەتلىرىدىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى. بۈگۈنكى مەخسۇس پروگراممىلار سەھىپىمىزدە نامايىشلارنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.