خىتاي جەنۇب ئاستانە گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 28 - ئىيۇل يەكەن ۋەقەسى قەشقەرگە مەبلەغ سالغۇچىلاردا ئەندىشە پەيدا قىلغان.
خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى زېڭ سۇن، يۇقىرىقى ۋەقەدىن كېيىن قەشقەرگە مەبلەغ سالىدىغانلارنىڭ سانى ئازايغانلىقى، ئىلگىرى تۈزۈلۈپ بولغان توختاملارنىڭ ئىجرا قىلىنىشىدىكى ئاكتىپلىقنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.
ئۇ يەنە «28 - ئىيۇل يەركەن ۋەقەسى» دىن كېيىن كىشىلەر ئارىسىدا ئەندىشە پەيدا بولغانلىقىنى تەن ئالغان. ھالبۇكى، ئۇ قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەسىدە بىر نەچچە قېتىم ھەر خىل ۋەقەلەر يۈز بەرگەن بولسىمۇ، ۋەزىيەتنى كونترول قىلغىنى بولىدىغانلىقى، نۆۋەتتە كىشىلەرنىڭ ئەمىن ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان.
28 - ئىيۇل يەكەننىڭ ئىلىشقۇ قاتارلىق 3 يېزىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلاردا ھۆكۈمەتكە قارىشى قارشىلىق ھەرىكىتى يۈز بەرگەن.
دائىرىلەر ھەرىكەتنى قورال كۈچى ئىشلىتىپ قانلىق باستۇرغان، كېيىن ۋەقەدە 50 دىن ئارتۇق ئادەمنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ئۇنىڭدىن باشقا 28 - نويابىر يەركەندە پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 11 ھۇجۇمچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 15 ئادەم قازا قىلغان ئىدى.