«خەلقئارا مالىيە فوندى»، يەنى IMF نىڭ باشلىقى كىرىستېن لاگاردى بۈگۈن دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت ۋە رايونلارنى خىتاي تەرغىب قىلىۋاتقان «يېڭى يىپەك يولى» قۇرۇلۇشى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.
فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لاگاردى خىتاينىڭ خەينەن ئۆلكىسىدە ئېچىلىۋاتقان «بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى» يىغىنىدا خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى ئۈستىدە مەخسۇس توختالغان. ئۇ سۆزىدە بۇ قۇرۇلۇشقا سېلىنىدىغان مەبلەغلەرنىڭ پۈتۈنلەي دېگۈدەك دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلار ياكى دۆلەت خەزىنىسىدىن تەمىنلىنىدىغان بولغاچقا ئۇنىڭ ئاسانلا باشقا دۆلەتلەرنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي تەسىر دائىرىسىگە مۇنقەرز قىلىپ قويىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.
ئۇ، «بىر بەلۋاغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ قەرزىنى ناھايىتى تېز سۈرئەتتە ئاشۇرۇپ، قەرز بىلەن تۆلەم ئارىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى بۇزۇپ تاشلايدۇ، دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بىر قىسىم دۆلەتلەر «بىر بەلۋاغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى قارمىقىدىكى ئاساسىي قۇرۇلۇش مەبلىغى سەۋەبلىك ئاللىقاچان چوڭقۇر قەرز پاتقىقىغا پاتقان. بۇ دۆلەتلەر تاشقى قەرزلىرىنى تۆلەش ئۈچۈن ئۆز دۆلىتىنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە مۈلۈكلىرىنى بېيجىڭغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە مەجبۇر بولماقتىكەن. مەسىلەن، ھىندى ئوكياندىكى كىچىك ئارال دۆلىتى سىرىلانكا خىتايغا قەرزىنى تۆلەش ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم بولغان ھامبانتوتا پورتىنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقىنى خىتايغا ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.
كىرىستىن لېگاردى خانىم سۆزىدە يۇقىرىقى دۆلەتلەرنىڭ ئەھۋاللىرىنى مىسال قىلىپ تۇرۇپ، «بىر بەلۋاغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ ھەقسىز بىر ۋاق تاماق ئەمەسلىكىنى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بۇنىڭغا ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، يۇقىرىقىدەك ئاقىۋەتكە قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ سۆزىدە يەنە بۇنداق زور مەبلەغ سېلىنىدىغان قۇرۇلۇشلاردا پۇلنى قالايمىقان ئىشلىتىش ۋە چىرىكلىك قىلىش كۆپ ئۇچرايدىغان بولغاچقا كۆپىنچە ھاللاردا مەغلۇبىيەتكە ئۇچراشتەك ئاقىۋەتلەرنىمۇ ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.
ھالبۇكى، شۇ يىغىندا پاكىستان باش مىنىستىرى شاھىت خاقان ئابباسى سۆز قىلىپ، «بىر بەلۋاغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى قارمىقىدىكى «پاكىستان-خىتاي ئىقتىسادىي كارىدورى» نى مەدھىيەلەپ كۆككە كۆتۈرگەن. ئۇ 50 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىنىدىغان بۇ قۇرۇلۇشنىڭ تېز مېۋە بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەنلا قالماي، يەنە پاكىستان-خىتاي دوستلۇقىنى پولاتقا ئوخشاتقان ۋە بۇ ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنى رايون بىخەتەرلىكىنىڭ «ھۈل تېشى» دەپ ئاتىغان.