4-ئاينىڭ 21-كۈنى يېڭى زېلاندىيەنىڭ ئېتىروئا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى بىلەن خەلق ۋە تىنچلىق ئىتتىپاقى ئەزالىرى بىرلىكتە خىتاينىڭ ئېتىروئا كونسولخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان زىيانكەشلىكلىرىگە قارشى نارازىلىق بىلدۈرگەن.
ئېتىروئا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ باياناتچىسى ئېلىيانا مۇنداق دېگەن: «بىز خىتاي كونسولخانىسىنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قولىدا ئازاب چېكىۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىمىزنى بىلدۈردۇق. بىز ئۆزىمىزدىكى ئەركىنلىكتىن پايدىلىنىپ، خىتاي بېسىۋالغان شۇ رايوندىكى خەلقنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشنى داۋاملاشتۇرىمىز».
مەزكۇر بىرلەشمە ئېلان قىلغان ئاخباراتتىن مەلۇم بولغىنىدەك، بۇ بىرلەشمىنىڭ تەركىبىدە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خالىس كۈچ چىقىرىۋاتقان يېڭى زېلاندىيەلىك ياشلار بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمغا بولغان تونۇشى ناھايىتى چوڭقۇر، خىتاينىڭ جىنايىتىگە قارشى تۇرۇش ئىرادىسى كۈچلۈك ئىكەن.
ئۇيغۇر بىرلەشمىسىدىن سام ۋېنسېنت مۇنداق دېگەن: «ئەھۋال ناھايىتى جىددىي، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بىز تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېردا ئۆلۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيمىز. بىز شۇنى بىلىمىزكى، بۇ ھەرگىز خىتاينىڭ ئىچكىي ئىشى ئەمەس، بەلكى خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى. ناھايىتى ئېنىقكى، خىتاينىڭ بۇ سىياسەتلىرى ئۇيغۇرلارنى يوقىتىشنىلا مەقسەت قىلغان».
يېقىنقى خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، يېڭى زېلاندىيە دەرىجىدىن تاشقىرى فوندى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى جىنايىتىگە چېتىشلىقى تۈپەيلىدىن ئامېرىكانىڭ قارا تىزىملىكىگە كىرگەن ئىككى خىتاي شىركىتىگە 500 مىڭ دوللار مەبلەغ سالغان.
ئېلىيانانىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېڭى زېلاندىيە كارخانىلىرى خىتاي بىلەن سودا قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە شېرىك بولماسلىقى، ھارام پايدىنى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئۈستىگە قويۇۋالماسلىقى كېرەك ئىكەن. ھۆكۈمەتنى بۇ مەسىلىگە سەل قارىماسلىققا، بەلكى بۇ جىنايەتنى توختىتىش ئۈچۈن ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى ئېلىشقا چاقىرىش كېرەك ئىكەن.