خەلقئارا جەمئىيەت بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىغا دائىر ئىشەنچلىك دەلىللەر بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى داۋاملىق رەت قىلماقتا.
«يېڭى زېلاندىيە رادىيوسى» نىڭ 21-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ يېڭى زېللاندىيەدىكى ئەلچىخانىسى مەزكۇر رادىيوغا بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىز-دېرەكسىز غايىب بولۇۋاتقانلىقىنى رەت قىلغان.
بۇ يىل 11-ئايدا يېڭى زېللاندىيەدە تۇرۇشلۇق ئادىل ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر مۇھاجىرى «يېڭى زېلاندىيە رادىيوسى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، يۇرتىدىكى نۇرغۇن دوست ۋە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ غايىب بولغانلىقى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مىللىي مەدەنىيىتى، كىملىكى ۋە دىنى ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتى ئادىلنىڭ يۇقىرىقى شىكايىتىگە قارىتا ئېلان قىلىنغان. ئادىل «يېڭى زېلاندىيە رادىيوسى» غا خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ «تېررورچى»، «بومبىچى» سغپىتىدە تەسۋىرلىنىپ، خىتايلار سادىر قىلغان بەزى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى ئۇيغۇرلارغا ئارتىپ قويىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ يەنە خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ يېڭى زېللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق نازارەت قىلىدىغانلىقى، ئۇ ئۆزىنى «تەلەيلىك» دەپ قارىسىمۇ، بىراق خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشى يېڭى زېللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا قەدەر يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
«يېڭى زېلاندىيە رادىيوسى» نىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي ئەلچىخانىسى باياناتىدا «كەسپىي تەربىيەلەش ۋە ئۆگىتىش ئورۇنلىرىنىڭ ئاشقۇنلۇقنى يۇقتۇرۇۋالغان كىشىلەرنىڭ كاللىسىدىكى ئەسەبىي ئىدىيەلەرنى تازىلاپ چىقىرىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن قۇرۇلغانلىقى» بايان قىلىنغان ئىكەن. باياناتتا يەنە «ئۇلار تېرورچىغا ئايلىنىپ جەمئىيەتكە تەھدىت پەيدا قىلغاندا ئۇلارنى باستۇرغانغا قارىغاندا ئۇلارنىڭ تېرورچىغا ياكى تېررورلۇق قۇربانىغا ئايلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان ياخشىراق،» دېيىلگەن.
ھالبۇكى خەۋەردە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى «كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دەپ سۈرەتلەۋاتقان بۇ ئورۇنلارنى «تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرى» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى يېڭىز زېلاندىيە شۆبىسىنىڭ دىرېكتورى مارگارېت تەيلورنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرگەن. مارگارېت تەيلور «22 مىليون مۇسۇلمان ياشايدىغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بىر مىليوندەك ئادەم 'تەربىيە ئارقىلىق ئۆزگەرتىش مەركەزلىرى' دە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. ئەمەلىيەتتە بۇ ئورۇنلار تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرىدۇر،» دېگەن.