يېڭى زېللاندىيىدە چىقىدىغان بىر گېزىتتە ئۇيغۇر مەسىلىسى تونۇشتۇرۇلدى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي، ئىرقىي ۋە مەدەنىي كەمسىتىشلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقى كۆرسىتىلدى.
«تىمارۇ خەۋەرچىسى» ناملىق گېزىتنىڭ 25 - مايدىكى سانىدا بېرىلگەن «زىيانكەشلىكتىن قاچقان ئائىلە» ناملىق ماقالىدە يېڭى زېللاندىيىگە ئۆتكەن يېلى كېلىپ پاناھلانغان بىر ئۇيغۇر ئالىسى ۋە ئۇلارنىڭ كەچمىشلىرى ئاساسىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى تونۇشتۇرۇلدى.
بۇنىڭدا مەزكۇر ئائىلىنىڭ خىتايدىكى ۋاقتىدا، ئىرقىي كەمسىتىشتە ئۇچرىغانلىقى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلۇپ ئازاب چەككەنلىكى، يىراق ئۇيغۇر يېزىسىدا ئىشلەيدىغان بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۇيغۇر تىلىنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە سۆزلىگەنلىكى ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىلىقتىن قالدۇرۇلۇپ، ئىشىك باقار قىلىپ قويۇلغانلىقى بايان قىلىنغان.
مەلۇم بولۇشىچە، يېڭى زېللاندىيە كۆچمەنلەر مەھكىمىسى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتىپ كەتسە زىيانكەشلىككە ئۇچرايدىغانلىقىنى دەلىللەپ، ئۇلارنىڭ يېڭى زېللاندىيە پاناھلىنىشغا رۇخسەت بەرگەن.
ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ يېڭى زېللاندىيە ئاخباراتىدا كۆزگە چېلىقىشى، خىتاي يېڭى زېللاندىيىنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى قاتارىغا ئۆتكەن مەزگىلگە توغرا كەلدى.