يېڭى زېللاندىيە خىتاي بىلەن ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزۈشكە چاقىرىلدى

يېڭى زېللاندىيەدىكى بىرقىسىم ئۆكتىچىلەر خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىدىكى ناچارلىق تۈپەيلى يېڭى زېللاندىيەنى خىتاي بىلەن ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزۈشكە چاقىردى.

بۇ ئۆكتىچى گۇرۇپپىنىڭ يېڭى چاقىرىقى يېڭى زېللاندىيە خىتاي بىلەن كۆپ تەرىپلىمە سودا كېلىشىمى تۈزۈپ، خىتاينى ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى، دەپ ئېلان قىلغاندىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقتى.

«NZTV» خەۋەرلەر تورىدا كۆرسىتىشىچە، گۇرۇپپا باياناتچىسى كايلى چاپمان ئۆز غايىسىنىڭ يېڭى زېللاندىيە ھۆكۈمىتىنى خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزۈشكە رىغبەتلەندۈرۈش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: خىتاي بىلەن سودا مۇناسىۋىتى ئورنىتىش ئارقىلىق، بىز ئۇلارنىڭ باشقا مىللەتلەر ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇرۇش جىنايەتلىرىنى قوللىغان بولۇپ قالىمىز.

مەزكۇر گۇرۇپپا ئۆتكەن بىر نەچچە كۈنىدىن بۇيان خىتايغا قارىشى تەشۋىقات ۋەرەقىلىرىنى تارقاتقان ۋە يېڭى زېللاندىيەدىكى خىتاي كۆچمەنلەرنىڭ يۇرتىغا قايتىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.