ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى باياناتچىسى يېڭىساردىكى توقۇنۇشتىن خەۋىرى يوقلۇقىنى بىلدۈردى

ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ 14-ماي سەيشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدە «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باياناتچىسى خۇ خەنمىڭنىڭ 9-ماي كۈنى قەشقەر يېڭىسار ناھىيىسى ئۇچار يېزىسى 7-كەنتىدە يۈز بەرگەن 2 نەپەر ساقچى،كادىر ۋە بىر ئۇيغۇر ياش ئۆلگەن قانلىق توقۇنۇشتىن خەۋىرى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن» لىكى بايان قىلىندى.

يېڭىسار ناھىيىسى ئۇچار يېزىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇش ھەققىدە ئەڭ دەسلەپ، ئۇيغۇربىز تورى 13-ماي كۈنى خەۋەر بەرگەن بولۇپ، خەۋەردە «9- ماي كۈنى يېڭىسار ناھىيىسىنىڭ ئۇچار يېزا 7-كەنتىدە ئۆي تەكشۈرگۈچىلەر بىلەن ئۆي ئىگىسى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ 3 كىشى ئۆلگەن» لىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتمۇ ب ب س ئاگېنتلىقى قاتارلىق خەلقئارا مەتبۇئاتلارغا بايانات بېرىپ، ئۆي ئارىلاپ تەكشۈرۈۋاتقان يېزا كادىرلىرىدىن ئۇچار يېزىسى 7-كەنتىنىڭ كەنت پارتىيە ياچېيكا سېكرېتارى ۋە كەنت باشلىقىنىڭ ئۇلار تەكشۈرۈپ كىرگەن ئۆيدە بىر ئۇيغۇر ياش تەرىپىدىن پىچاقلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ۋە بۇ ئۇيغۇر ياشنىڭ يېزا كادىرلىرى بىلەن بىرلىكتە كىرگەن ياردەمچى ساقچى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن» لىكىنى بىلدۈرگەن.

خۇ خەنمىڭ ب ب س ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا ئۆزىنىڭ سىرتتا خىزمەتتە بولغىنى ئۈچۈن ۋەقەدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىللە،«چەتئەللەردىكى بىر قىسىم كىشىلەر دائىم شىنجاڭدا توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدە ئۆسەك سۆز تارقىتىدۇ» دېگەن.

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرى 14-ماي كۈنىگىچە بۇ ۋەقە ھەققىدە ھېچقانداق خەۋەر بەرمىگەن بولۇپ، رايوندىكى تېلېفونلار كونترول قىلىنغانلىقتىن، رادىئومىز مۇخبىرلىرىنىڭ ۋەقە ھەققىدە يەنىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلىشىگە ئىمكان بولمىدى.