ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «مۇھاپىزەتچى گېزىتى» 15 -مارت كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، پاكىستاننىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا چېگرىداش گىلگىت بالتىستان رايونىدىكى 50 تىن ئارتۇق گىلگىت-بالتىستانلىق ئەر ھازىرغىچە ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغان ئاياللىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئالالمىغان.
يېقىندا، گېلگىت-بالتىستان پارلامېنتى بىر قارار لايىھەسى ماقۇللاپ، پاكىستان فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىدىن 50 نەپەر گېلگىتلىق ئەرنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغان ئاياللىرىنىڭ« تەربىيەلەش لاگېرى»دىن قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. بىراق، گىلگىت-بالتىستان پارلامېنتى ئەزاسى جاۋىد ھۈسەيىن يۇقىرىدىكى گېزىتكە قىلغان سۆزىدە، پاكىستان فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلىرىگە تېخىچە بىر جاۋاب بەرمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئايالى يېپىق «تەربىيەلەش»كە تۇتۇپ كېتىلگەن گېلگىت-بالتىستانلىق ئەر ئەخمەت ئۆزىنىڭ ئايالىنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئۆتكەن يىلى دېكابىردا كۆرگەنلىكىنى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھەتتا بالىسىنى ئېلىۋېلىشقىمۇ يول قويماي ئۇنى جىگىرىدىن چىقىرىۋەتكەنلىكىنى ۋە قايتا كىرگۈزمىگەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەن.
مەزكۇر گېزىت گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنزنى زىيارەت قىلغان. ئادرىيان زېنز سۆزىدە: «خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ چەتئەللەرگە چىقىپ باققان ھەربىر كىشىگە قارىتىلغانلىقىنى، يۇقىرىدىكى بۇ ئۇيغۇر ئاياللارنىڭ قۇتۇلۇشىنىڭ پاكىستاننىڭ جاسارىتىگە باغلىق بولۇپ قالغانلىقىنى» ئېيتقان.
ئەخمەت بولسا ئەگەر پاكىستان ھۆكۈمىتى بۇ ئىشنى ھەل قىلالمىغان تەقدىردە، ئۆزىنىڭ بۇ مەسىلىنى زورايتىپ گىلگىت-بالتىستاندا زور نامايىش ئۇيۇشتۇرىدىغانلىقىنى، ھەتتا «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولغان چېگرانىمۇ تاقاتقۇزىۋېتىشكە ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، «چۈنكى، بىزگە ئوخشاش تەقۋادار كىشىلەر ئۈچۈن بۇ بىزنىڭ شەرىپىمىزگە قىلىنغان ھۇجۇم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ» دېگەن.
نۆۋەتتە پاكىستانلىقلار بىلەن توي قىلغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئومۇمىي سانى مەلۇم ئەمەس. لېكىن گىلگىت-بالتىستان پارلامېنتىنىڭ قارار لايىھەسىدە كۆرسىتىشىچە، پاكىستان-خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئىمپورت-ئېكسپورت تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان 50 دىن ئارتۇق گىلگىت-بالتىستانلىقنىڭ ئايالى ئۇيغۇر ئىكەن. قارار لايىھەسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ گىلگىت-بالتىستانلىقلار بىلەن توي قىلغان بۇ ئاياللارنىڭ تۇتقان قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.