خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى «يېپىق تەربىيەلەش» نىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەردى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىسلاھات ئىشخانىسى 28‏-نويابىر كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچقان. يىغىندا «جامائەت خەۋپسىزلىكىدە قانۇن ئىجرا قىلىشنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش پىكرى» ناملىق بىر بەلگىلىمە ئېلان قىلغان.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر بەلگىلىمىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا نۆۋەتتە ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئاتالمىش «يېپىق تەربىيەلەش» ھەرىكىتىنىڭ يەنە داۋاملىشىدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىلگەن.

مەزكۇر بەلگىلىمىدە گەرچە «19‏-قۇرۇلتاينىڭ روھىغا ئاساسەن دۆلەتنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش» ۋىۋىسكىسى تەكرارلانغان بولسىمۇ، ئەمما كونكرېت مەزمۇنلارغا كەلگەندە ئاشكارا ھالدا «ئاپتونوم رايونىمىزدا قانۇن ئىجرا قىلىش-دېلو بېجىرىش سورۇنلىرى ‹يېپىق شەكىلدە› بولۇش تۈزۈمى ئىجرا قىلىنىدۇ،» دېيىلگەن.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدا ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ ئاز دېگەندە 5-10پىرسەنتىنىڭ «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە سولىۋېلىنغانلىقىنى پەرەز قىلىشماقتا. رادىيومىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئېنىقلاشلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بەزى يەرلىك دائىرىلەر ئاھالىلەرگە، «يېپىق تەربىيەلەش مەركىزى» دىكىلەرنىڭ قۇرۇلتايدىن كېيىن قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئاتالمىش «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دىكى بۇنچە كۆپ كىشىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى رايون ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولماقتا. يۇقىرىقى بەلگىلىمىدە يەنە مەسىلىنى «يىلتىزىدىن تۇتۇش» ۋە نەق «ئۆزىنى داۋالاش» چاقىرىقى تەكىتلەنگەن. خىتاي دائىرىلىرى ئاتالمىش «دىنىي ئەسەبىيلىك» نى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇقىمسىزلىقنىڭ يىلتىزى دەپ قاراپ كېلىۋاتقان ئىدى.