ۇنەندە مىڭدىن ئارتۇق تۇڭگان يەر ئىگىلەشكە نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش قىلدى

25-فېۋرال كۈنى خۇنەن شاۋياڭ شەھىرى سىچياۋ يېزىسىدىكى مىڭدىن ئارتۇق تۇڭگان نامايىش قىلىپ، دائىرىلەرنىڭ مەجبۇرىي ئۆي چېقىش ۋە يەر ئىگىلەش ھەرىكىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى. شەھەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ساقچىلارنى ئەۋەتىپ ۋەزىيەتنى كونترول قىلدى.

يېڭى ئىرا تور گېزىتىنىڭ 26-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، سىچياۋ يېزىسىدىكى دېھقانلاردىن مىڭدىن ئارتۇق كىشى دۈشەنبە كۈنى شاۋياڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئالدىغا توپلىنىپ،دائىرىلەردىن بۇ يىل 10- يانۋار كۈنى يۈز بەرگەن ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ ساقچىلار ۋە ساقچى ئاپتوموبىللىرى بىلەن كەنتكە باستۇرۇپ كىرىپ، زورلۇق بىلەن ئېلىپ بارغان ئۆي چېقىش، يەر ئىگىلەش ھەرىكىتىدە يارىلاندۇرۇلغان ئون نەچچە دېھقان ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلغان.

ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۇڭگانلارنىڭ بۇ قېتىمقى نارازىلىق نامايىشى دائىرىلەرنى جىددىيلەشتۈرگەن بولۇپ، شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئاۋۋال 200 گە يېقىن ساقچىنى ئەۋەتىپ ۋەزىيەتنى كونترول قىلغان. ئاندىن ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى سى چياۋ يېزىسىدىن كەلگەن تۇڭگانلار بىلەن سۆھبەتلىشىش ئۈچۈن نامايىشچىلارنىڭ ئالدىغا چىققان.