«جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى» نىڭ 7-ئاپرېل كۈنى بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ ئۆلكىلىرىدە ھۆددىگە بېرىلگەن يەرلەرگە كىملىك بېجىرىلىپ، يەرلەر جانلىق مۈلۈككە ئايلانماقتا ئىكەن.
خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، خىتاي بويىچە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان يېزا يەرلىرىنى ھۆددىگە بېرىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى بېكىتىش ۋە تىزىمغا ئېلىش سىنىقىدا خىتاي دېھقانلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشكەنلىكى تەشۋىق قىلىنغان.
خەۋەردە يەنە، ئەنخۇي ئۆلكىسى بىلەن خىتاينىڭ باشقا بىرقانچە ئۆلكىلىرىدە دېھقانلارنىڭ ئۆزلىرىگە ھۆددىگە بېرىلگەن يەرلىرىگە جانلىق مۈلۈك قاتارىدا قىزىل تاشلىق كىنىشكىغا ئېرىشكەنلىكى يېزىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە خىتاي يېزىلىرىدا يەرنى ھۆددىگە بېرىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى تىزىملاپ گۇۋاھنامە تارقىتىش خىزمىتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى 100 نەچچە ناھىيەدە سىناق قىلىنماقتىكەن.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدە يولغا قويۇلغان بۇ تۈزۈمنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېزىلار بىلەن روشەن سېلىشتۇرما ھاسىل قىلىدىغانلىقىنى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن ئۆي-جاي ۋە تېرىلغۇ يەرلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.