گۇاڭشىدا يېرىدىن ئايرىلىپ قالغان دېھقانلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى

23-ماي پەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ گۇاڭشى ئۆلكىسى ليۇجۇ شەھىرىدىكى يەرلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان دېھقانلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، كەنت ئاھالىلىرى تۇتقۇن قىلىندى. دېھقانلار بىلەن ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ۋەقە ھەققىدىكى بايانى پەرقلىق بولدى.

رادىئومىزغا ئەھۋال ئىنكاس قىلغان كەنت ئاھالىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ليۇجۇ شەھىرى يۈفېڭ رايونى لوۋېي كەنتىدىكى يەرلىرى مەجبۇرىي تارتىۋېلىنغان 200 دىن ئارتۇق دېھقان پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە، شۇ يەردىكى ساياھەت رايونى قۇرۇلۇش ئورنىغا بېرىپ، يەرلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. دېھقانلار قۇرۇلۇش مەيدانىنى مۇھاسىرىگە ئالغاندىن كېيىن، دائىرىلەر ساقچىلار،زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش ئەترىدى، ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىدى، قۇتقۇزۇش ئەترىدى قاتارلىقلار بولۇپ 300دىن ئارتۇق ھۆكۈمەت خادىمىنى يۆتكەپ كېلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى تارقىلىپ كېتىشكە بۇيرۇغان. نەتىجىدە كەنت ئاھالىلىرى بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن. ۋەقەدە 5 نەپەر كەنت ئاھالىسى تۇتقۇن قىلىنىپ، ياشانغان ئىككى ئايال يارىلانغان.

يۈفېڭ رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسىنىڭ خادىمى جۈمە كۈنى ئەتىگەن رادىئومىز مۇخبىرىغا بۇ قېتىمقى توقۇنۇش ھەققىدە ئىزاھات بېرىپ، لوۋېي كەنتىدە قۇرۇلۇۋاتقان ساياھەت رايونىنىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت بەلگىلىگەن نۇقتىلىق قۇرۇلۇش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ سۆزىدە يەنە، رەسمىيەتلىرى تولۇق بولغان بۇ قۇرۇلۇشقا دېھقانلار توسقۇنلۇق قىلغانلىقى ئۈچۈن ھۆكۈمەتنىڭ تەدبىر قوللىنىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى، توقۇنۇش جەريانىدىكى يارىلىنىش ۋەقەسى، ئاۋۋال كەنتتىكى دېھقانلارنىڭ ۋەزىپە ئىجا قىلغۇچىلارغا ھۇجۇم قىلغانلىقى سەۋەبىدىن يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.