بۈگۈن ھىندىستاننىڭ ئەڭ چوڭ گېزىتلىرىدىن بىرى بولغان «ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى» دە «قەغەز ئەجدىھا: "يەر شارى ۋاقىت گېزىتى" قانداق قىلىپ خىتاي ئۈچۈن ئەسەبىيلەرچە كەتمەن چېپىۋاتىدۇ؟» سەرلەۋھەلىك ماقالە ئېلان قىلىندى.
ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «"يەر شارى ۋاقىت گېزىتى" - خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چېكىدىن ئاشقان خىتاي مىللەتچىلىكىنى تەرغىپ قىلىدىغان ھۆكۈمەت كارنىيىدۇر. مەزكۇر گېزىتتە ھىندىستانغا قارشى ھۇجۇم خاراكتېرلىق ماقالىلەر ئېلان قىلىنىپ، ھىندىستان-خىتاي چېگراسىدىكى دوكلام رايونىنى تالىشىش بويىچە ئۇرۇش چاقىرىقى ئاساسىي مەزمۇن قىلىنماقتا.»
ماقالە ئاپتورى ئارادانا تاختانى مۇنداق دەپ يازىدۇ: «"يەر شارى ۋاقىت گېزىتى" نىڭ باش مۇھەررىرى خۇ شىجىن 2009-يىلى مېنىڭ زىيارىتىمنى قوبۇل قىلغىنىدا "جۇڭگونىڭ ھۆكۈمەت سىستېمىسىدا دائىم يوقىرىدىن چۈشكەن بۇيرۇقلار بولىدۇ. مېنىڭمۇ دۆلەتنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش مەسئۇلىيىتىم بار، ئەلۋەتتە" دېگەن ئىدى».
مەزكۇر ماقالىدا يەنە بىرمۇنچە پاكىتلار نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ قانداق قىلىپ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ كارنىيىلىق رولىنى جارى قىلىۋاتقانلىقى ئېچىپ كۆرسىتىلگەن.
28-ئىيۇل كۈنى «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» دە خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىقىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ھەققىدىكى باياناتى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا «دولقۇن ئەيسا بىر تېررورىست، ئۇ چوقۇم ئادالەتنىڭ سورىقىغا تاپشۇرۇلۇشى كېرەك» دېيىلگەن.
مەزكۇر خەۋەردە يەنە ھېچقانداق پاكىت كۆرسىتىلمەستىن خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىقىنىڭ باياناتچىسى خوڭ لېينىڭ 2016-يىلى بەرگەن باياناتىدىن نەقىل كەلتۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلگەن: «دولقۇن ئەيسا جۇڭگو ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە بومبىلاش، بۇلاڭچىلىق قىلىش ۋە ئادەم ئۆلتۈرۈشتەك تېررورلۇق جىنايەتلىرىنى سادىر قىلغان. ئۇ يەنە تېررورلۇق تەشكىلات بولغان "شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى" نى ئىقتىساد بىلەن تەمىنلىگەن.»
«يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئورگان گېزىتى بولغان «خەلق گېزىتى» نىڭ خەلقئارا كۆزنىكىدۇر.