سىچۈەن ئۆلكىسىدىكى يېرىدىن ئايرىلغان دېھقانلار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى

رادىئومىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 21-مارت كۈنى سىچۈەننىڭ چېڭدۇ شەھىرى جېنشىن بازىرىدىكى تۆت كەنتتىكى يېرىدىن ئايرىلىپ قالغان مىڭدىن ئارتۇق دېھقان نارازىلىق نامايىشى قىلغىنىدا، ئۇلارنى تارقىتىشقا كەلگەن ساقچىلار بىلەن توقۇنۇش يۈز بەرگەن.

دېھقانلارنىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، دېھقانلار بازارلىق ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئىگىلىۋېلىنغان يەرلەرگە بېرىلگەن تۆلەم پۇلىنىڭ ئازلىقىغا نارازى بولۇپ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن دېھقانلارغا جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەن بازارلىق ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىغا توپلانغىنىدا، دائىرىلەر دېھقانلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئورنىغا ساقچى ئاپتوموبىللىرى ۋە ساقچىلارنى چاقىرىپ كېلىپ، دېھقانلارنى مەجبۇرىي تارقىتىۋېتىشكە ئۇرۇنغانلىقى ئۈچۈن، دېھقانلار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، نۇرغۇن ئادەم يارىلانغان، دېھقانلاردىن 4-5 كىشى باشلامچىلىق قىلغان دېگەن جىنايەت ئارتىلىپ تۇتقۇن قىلىنغان.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر دېھقان شۇ كۈنكى ئەھۋالنى بايان قىلىپ، «بىز پەقەت بېرىلگەن تۆلەم پۇلغا نارازى بولغىنىمىز ئۈچۈن بازارلىق ھۆكۈمەتتىن توختام بويىچە ئىش قىلىشنى تەلەپ قىلدۇق، يىغىلىش تىنچ ئېلىپ بېرىلغان، يوللارنى توسۇۋېلىپ قاتناش قىستاڭچىلىقى پەيدا قىلىش ئەھۋالىمۇ كۆرۈلمىگەن ئىدى. ئەمما ئۇلار بىزگە جاۋاب بېرىشنىڭ ئورنىغا ساقچىلارنى باشلاپ كېلىپ بىزنى ئۇرغۇزدى. ساقچىخانا باشلىقى باشلامچى بولۇپ ئادەم ئۇردى، ئارىمىزدىن بەزىلەر تۇتقۇن قىلىندى» دېدى.