ئاقسۇغا يېقىن جايدا 7 بال يەر تەۋرىگەن

گېرمانىيە يەر شارى ئىلىم-پەن تەتقىقات مەركىزىنىڭ 23-يانۋار كۈنى (يەرلىك ۋاقىت) بەرگەن مەلۇماتىغا قارىغاندا، 2024-يىل 1-ئاينىڭ 23-كۈنى كېچە سائەت 2 دە ئۇيغۇر رايونى ئاقسۇ ۋىلايىتىگە يېقىن جايدا 7.1 بال يەر تەۋرىگەن. بۇ يەر تەۋرەش يەر پوستىنىڭ 10 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى قاتلىمىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇ تېيىز قاتلامدىكى يەر تەۋرەش ئۇنىڭدىنمۇ چوڭقۇر قاتلامدىكى يەر تەۋرەشكە باققاندا كۈچلۈك بولىدىكەن، چۈنكى ئۇنىڭ يەر يۈزدىكى تەسىرى تېخىمۇ چوڭ بولىدىكەن.

ھالبۇكى، خىتاي تاراتقۇلىرى بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەش نۇقتىسىغا جىددىي قۇتقۇزۇش ئەترىتى ۋە ئەسلىھەلىرى ئەۋەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلغان بولسىمۇ، ئەمما يەر تەۋرەشتە ئۆلۈم-يىتىم ياكى يارىلىنىش ھادىسىلىرىنىڭ بار-يوقلۇقى ھەققىدە ھازىرغا قەدەر خەۋەر بەرمىدى.

بۇ يەر تەۋرەشكە ئائىت دەسلەپكى سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بۇنداق يەر تەۋرىگەندە، يەر تەۋرىگەن جايدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنى سېزەلەيدىكەن. بۇ خىل يەر تەۋرەش يەڭگىل ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئاپەتلەرنى پەيدا قىلالايدىكەن. ئوتتۇرا دەرىجىلىك يەر تەۋرىگەن جاي ئاقسۇ ئايكۆلگە 128 كىلومېتىر، قارا كۆلگە 134 كىلومېتىر كېلىدىغان يەردە يۈز بەرگەن.

«ۋولقانلارنى بايقاش» تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ خەۋەردە يەنە، مەزكۇر رايوندا يۈز بەرگەن ۋە يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان يەر تەۋرەشلەر ھەققىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنىڭ داۋاملىق يېڭىلىنىپ تۇرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولغىنىدەك، ئۆتكەن يىل 12-ئاينىڭ 19-كۈنى كېچىدە گەنسۇ ئۆلكىسىدە 6.2 بال يەر يەر تەۋرەپ، ئاز دېگەندە 127 ئادەم ئۆلگەن، 700 ئادەم يارىلانغان بولۇپ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ گەنسۇغا چېگراداش جايلىرىدا ۋە قىزىلسۇ ئوبلاستى ئاتۇش شەھىرىگە تەۋە قاراجول بازىرىدا 5.5 بال يەر تەۋرىگەنىدى.