خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بەرگەن 7.1 بال ئېغىر يەر تەۋرەش ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان ئۆلۈم ۋە يارىلىنىش ئەھۋاللىرى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى قاتتىق قامال قىلىۋاتقانلىقى بىلىنمەكتە.
خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، 1-ئاينىڭ 23-كۈنى سەھەر سائەت 2 دىن سەل ئۆتكەندە ئاقسۇنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە 7.1 بال يەر تەۋرىگەن بولۇپ، يەر تەۋرەش چوڭقۇرلۇقى 22 كىلومېتىرغا يەتكەن. سەھەر سائەت 4 كىچە داۋاملاشقان 3 بالدىن يۇقىرى قالدۇق يەر تەۋرەشلەر 70 قېتىمدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، ئاقسۇ شەھىرى، ئارال، كۇچا، قەشقەر، يەكەن، خوتەن قاتارلىق جايلاردىمۇ ئۇنىڭ تەسىرى كۆرۈلگەن.
بۇ يەر تەۋرەش ھەققىدە ئەڭ دەسلەپتە گېرمانىيە يەر شارى ئىلىم-پەن تەتقىقات مەركىزى 23-يانۋار كۈنى شۇ جاي ۋاقتى يېرىم كېچە سائەت 12 دە ئاقسۇ ۋىلايىتىگە يېقىن جايدا 7.1 بال يەر تەۋرىگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر بەرگەنىدى.
خىتاي تاراتقۇلىرى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە يەر تەۋرەش ئەڭ ئېغىر بولغان جاينىڭ يامانسۇ قىرغىز يېزىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان بولسىمۇ، بۇ يېزىدا ئاپەتنىڭ زادى قانچىلىك ئېغىر بولغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بەرمىگەن، پەقەت ئاپەت يۈز بەرگەندىن كېيىن شىنجاڭ ھەربىي رايونى، قوراللىق قىسىم باش ئەترىتىدىن 630 دىن كۆپ ئەسكەرنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا ئاتلانغانلىقىنى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى ھەر قايسى ئىدارە-ئورگانلار، ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋە ئاپتونوم رايوندىن ياردەمگە كەلگەنلەرنىڭ يامانسۇ يېزىسىغا قاراپ ماڭغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.
خىتاينىڭ «شىنجاڭ گېزىتى» تورى، «تەڭرىتاغ تورى» 23-يانۋار كۈنى چىقارغان خەۋەرگە قارىغاندا، ئاقسۇنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە 7.1 بال يەر تەۋرەپ ئېغىر ئاپەت يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۇي، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز قاتارلىقلار مۇناسىۋەتلىك ئىدارە-ئورۇنلارنىڭ كاتتاباشلىرىنى ئېلىپ، «ئاپەتنىڭ بىرىنچى سېپىدە خىزمەت قىلىش» قا ماڭغان.
ما شىڭرۇي بىلەن ئەركىن تۇنىيازنىڭ يەر تەۋرەش نۇقتىسىغا بېرىشى، ئۇچتۇرپان ناھىيە يامانسۇ يېزىسىدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشنىڭ ناھايىتى ئېغىر بولغانلىقى ھەققىدىكى تەخمىن ۋە ئەندىشىلەرنى پەيدا قىلماقتا. نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەشتە پەقەت 6 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى خەۋەر قىلغان بولۇپ، شۇنچە قاتتىق يەر تەۋرەشتە زادى قانچىلىك ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى، يارىلانغانلىقى ۋە قانچىلىك ئەمەلىي زىياننىڭ كۆرۈلگەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى قاتتىق قامال قىلماقتا ئىكەن.