ئۇچتۇرپان ناھىيىسى تەۋەسىدىكى قاتتىق يەر تەۋرەشتىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى «يەر تەۋرەشنىڭ دەرىجىسى ئېغىر بولسىمۇ، ئەمما بۇ رايوندا ئاھالە شالاڭ بولغاچقا ئېغىر ئۆلۈم-يىتىم ۋە باشقا زىيان-زەخمەت بولمىدى» دەپ خەۋەر بەرگەن. شۇنىڭدەك بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ پەقەت ئۈچ كىشى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن. ئەمما يەر تەۋرەشتىن كېيىنكى تۈرلۈك ئۇچۇرلار ھەقىقىي ئەھۋالنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئېيتقاندىن ئېغىر ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە.
خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، يەر تەۋرەشتىن كېيىن خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى ئاپەتتىن كېيىنكى قۇتقۇزۇش ئىشلىرىغا ئىشلىتىش ئۈچۈن 30 مىليون يۈەن (تەخمىنەن بەش مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىن)دىن كۆپرەك مەبلەغ ئاجراتقان. شۇنىڭدەك زور ساندا ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئەشيالىرىنى ئەۋەتكەن. گەرچە بۇ مەبلەغ ۋە ماددىي ئەشيالار خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا يەر تەۋرەشكە قارىتا ئاجرىتىلغان مەبلەغ سوممىسىغا سېلىشتۇرغاندا ئاز بولسىمۇ، ئەمما ئۇچتۇرپاندىكى يەر تەۋرەشنىڭ زىيىنى ئۇنچىۋالا كىچىك ئەمەسلىكىنى ۋاسىتىلىك ھالدا كۆرسىتىپ بەرگەن.
خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، 24-يانۋارغا قەدەر ئۇچتۇرپان ۋە ئاقچى ناھىيىلىرى ئەتراپىدا ئىككى مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق قالدۇق يەر تەۋرىگەن بولۇپ، ئەڭ ئېغىرى ئالتە بالدىن يۇقىرى بولغان. بىر قىسىم كىشىلەر يەر تەۋرەش ھەققىدە ئۆزلىرى كۆرگەن ياكى گۇۋاھچىلاردىن ئاڭلىغان ئۇچۇرلارنى، جۈملىدىن بىر قىسىم ۋىديو ۋە سۈرەتلەرنى تورلاردا ھەمبەھىرلىگەن بولسىمۇ، ئەمما تېزدىن ئۆچۈرۈۋېتىلگەن. شۇنىڭدەك بۇ خىل ئۇچۇرلارنىڭ «ساختا ۋە ئۆزگەرتىلگەن» لىكى تەكىتلىنىپ، بۇ خىلدىكى توردا ھەمبەھىرلەشنىڭ «ئىجتىمائىي تەرتىپنى بۇزۇش» بولىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەر تەۋرەش جەريانىدا كۆرۈلگەن ئاپەتلەر ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى بۇ قەدەر قاتتىق كونترول قىلىشىمۇ، بۇ ھەقتىكى گۇمانلارنى تېخىمۇ ئاشۇرغان.
يۇقىرىقى بىر قاتار ئەھۋاللار، ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بەرگەن بۇ قېتىملىق ئېغىر يەر تەۋرەش كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۆلۈم-يىتىم ۋە ئىقتىسادىي زىياننىڭ ئادەتتىكىدە ئەمەسلىكىدىن بېشارەت بەرمەكتە.